تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى ئابدۇسالام زۇبى ھەمدە مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم دىبەيبە بىلەن ئۇچراشتى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى («MİT») باشلىقى ئىبراھىم قالىن لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى ئابدۇسالام زۇبى ھەمدە مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم دىبەيبە بىلەن ئۇچراشتى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇچرىشىش ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە، لىۋىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، رايون خەۋپسىزلىكى، تۈركىيە-لىۋىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر، شۇنداقلا لىۋىيەدە مۇقىملىقنى ساقلاش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، زۇبى بىلەن دىبەيبە تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئاكتىپ ۋە ئىجادىي رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم قالىن تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك قوللىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى يەنە، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە دۆلەت بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا شەرق ۋە غەربتىكى ھۆكۈمەتلەرنى «بىر لىۋىيە» كۈنلۈكى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

لىۋىيەدە تاشلىنىدىغان قوشۇمچە قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىبراھىم قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىماد ئەت-ترابلۇسى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشتى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، لىۋىيەدە خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قوشۇمچە قەدەملەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

ترابلۇسى سۆز ئارىسىدا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىنى تەمىنلەۋاتقان ياردەملىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن قالىنمۇ لىۋىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاشلارنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئافرىقا رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى