سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانىڭ «F-15E» ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ترامپ: «ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى، ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېدى.
ئىران ئامېرىكانىڭ «F-15E»  ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ترامپ ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ ئۇچقۇچىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىگە ئالاقىدار خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ن ب س نىيۇس (NBC News) قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنىڭ، ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ قانال بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قىسقا تېلېفون زىيارىتىدە، ۋەقەدىن كېيىنكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلىپ، بۇنى سەزگۈر ھەربىي مەسىلە دېگەن.

قانالنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇچقۇچىلارنى تېپىش تىرىشچانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىپ-كۆرسەتمەيدىغانلىقى سورالغاندا، بۇنىڭ سۆھبەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran downs American jet, another crashes as war rages on

48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى

يېرىم رەسمىي فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى جۈمە (2026-يىلى 3-ئاپرېل) كۈنى فارس ئاگېنتلىقىغا: «ئامېرىكا 2-ئاپرېل دوستانە دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئارقىلىق 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى سۇندى» دېگەن.

بۇ كىشى يەنە تەكلىپنىڭ «رايوندىكى ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرى دۇچ كەلگەن جىددىي ۋەزىيەت ۋە خىرىسلار» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرمىغان، بەلكى شىددەتلىك ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق «نەق مەيداندا» جاۋاب بەرگەن.

بۇ كىشى يەنە: «ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى، بولۇپمۇ كۇۋەيتتىكى بۇبىيان ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى» دېگەن.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ھازىرغىچە 1340 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېيمۇ بار.

ئىران بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە باشقا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئۇچقۇ ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى. بۇ ھۇجۇملار ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئۇل -ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت، دۇنيا بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزگەن.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»