خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈل - ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۈل - ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئىسرائىلىيەدە غايەت زور ۋەيرانچىلىق بولدى. ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەر بار
ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈل - ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى
ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈل - ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى
2025-يىلى6-ئاينىڭ15-كۈنى

يەكشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلارنى نىشان قىلغان يېڭى بىر دولقۇنلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 6 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلۈپ، 240 ئىسرائىلىيەلىك يارىلاندى، ئونلىغان كىشى قاپسىلىپ قالدى، 35 كىشى ھازىرمۇ خارابىلىك ئاستىدا يوقاپ كەتكەن ھالەتتە تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بۈگۈن (يەكشەنبە) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ تېل ئاۋىۋ رايونىغا جايلاشقان بات يام شەھىرىگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى ھەمدە شەھەردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەن ئورۇندا 35 ئەتراپىدا كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مۆلچەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

«يېدىئوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېل ئاۋىۋنىڭ جەنۇبىدىكى رېخوۋوت شەھىرىدىكى ۋايزمان پەن-تەتقىقات ئىنستىتۇتىمۇ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كەچتىن بۇيان ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 كىشىگە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 240 كىشىگە يەتكەن. دەسلەپكى مۆلچەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3، يارىلانغانلار سانىنىڭ 136 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئاخبارات دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇم دولقۇنىدا 50 گە يېقىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ھۇجۇملار بات يام ۋە رېخوۋوت شەھەرلىرىنى نىشان قىلغان.  ئىسرائىلىيە ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم تېل ئاۋىۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئالتە ئوخشىمىغان ئورۇنغا زىيان يەتكۈزگەن، شۇنداقلا ئونلىغان ئۆي ۋە بىنالارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمى ئىسرائىلىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھۇجۇمدا زور تۈركۈمدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھۇجۇم نىشانلىرى ئارىسىدا ئايروپىلان يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەركەزلىرى بار.

ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى (ئىرنا) ئىسلام ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا جاۋاب ئىكەنلىكىنى، «ئەگەر ئىغۋاگەرچىلىك داۋاملاشسا، ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ شىددەتلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئىسلام ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمى ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئىراننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۈچ دانە قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئونلىغان كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاننى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، 14-قانال يەمەندىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا قارىتىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئارمىيە رادىيوسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىڭىپ كىرگەن بولۇش ئېھتىمالىدىن گۇمانلىنىپ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نېگېۋ رايونىدا ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالىنىڭ چېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

جۈمە كۈنى تاڭ سەھەردە، ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى «يۈكسىلىۋاتقان شىر» دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرى نىشان قىلىنغان ھەمدە بىر قىسىم ئىرانلىق ھەربىي قوماندانلار ۋە يادرو ئالىملىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. تېل ئاۋىۋ بۇ ھەرىكەتنى «ئالدىنى ئېلىش» ھەرىكىتى دەپ تەسۋىرلەپ، تېھراننىڭ يادرو ۋە باللىستىك ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران شۇ كۈنى كەچتە سەككىز دولقۇنلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسرائىلىيە ھەربىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى بومباردىماننىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى چەكلىدى، ئىبرانىي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى تېل ئاۋىۋدىكى «ئىنتايىن ئېغىر ۋەقە» دەپ تەسۋىرلىدى.

بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي جىددىيلىشىش بولۇپ، پارتلاش ۋە سۇيىقەست بىلەن خاراكتېرلەنگەن «سايە ئۇرۇشى» دىن رايوندا يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئوچۇق-ئاشكارا ھەربىي توقۇنۇشقا ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى. كەم دېگەندە 4 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
موسكۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 130 دانە ئۇكرائىنا تېزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن
گىرۇزىيەدىكى ھەربىي ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
مىسىردا پارلامېنت سايلىمى باشلاندى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش قوراللىرى ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى ياساپ چىقتىمۇ؟
مىيانمار ھەربىي تەرەپ غايەت زور ئالدامچىلىق دېلوسى دائىرىسىدە 150 بىنانى چېقىپ تاشلىدى
فىلىپپىندا «فۇڭ-ۋوڭ» بورىنىنىڭ شىددىتى ئۆرلىدى
خىتاي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇھىم مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بېكار قىلدى
جاكارتادا بىر مەكتەپ قورۇسىدىكى جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 54 كىشى يارىلاندى
ترامپ: غەززە خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرى «پات يېقىندا» قۇرۇلىدۇ
فىلىپپىندا 188 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «كالمائېگى» بورىنى ۋىيېتنامنى تەسىرى ئاستىغا ئالدى
ترامپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالىدۇ
ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كالىفورنىيە قۇملۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
فىلىپپىنغا ئېغىر زەربە بەرگەن «كالمائېگى» دېڭىز بورىنى ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى
مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا نېتانياھۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي ئەيىبلەش باسقۇچىغا داخىل بولىدۇ
رۇسىيە: مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم
ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىناقلىرى قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى