ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
خىتاي يېڭى تاموژنا بېجى ۋە ئېمبارگولارغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ۋاشىنگتون بىلەن بولغان سودا جىددىيچىلىكىنى كۈچەيتتى.
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
2026-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرى سىرتىدىكى ياڭشەن پورتىدا يۈك كونتېينېرلىرى تاخلاپ تىزىلغان ھەمدە يېرىم تىركېچلىق يۈك ئاپتوموبىللىرى توختىتىلغان. [ئارخىپ سۈرىتى] / Reuters

خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان سودا جازالىرىغا جاۋابەن، ئامېرىكاغا قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ۋە 6 ئامېرىكا شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

چارشەنبە كۈنى تاشلانغان بۇ قەدەم، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە باشقا 59 دۆلەتكە يېڭى باج قويۇشىدىن كېيىن، يېقىنقى مەزگىللەردە يۈرگۈزگەن بىر يۈرۈش سودا تەدبىرلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «خىتاينىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى»نى تەكىتلىدى ھەمدە: «خىتاي پەقەت زۆرۈر بولغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىلا قوللىنالايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق زاپچاسلىرى شۇنداقلا تېخنىكىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قىلىنىدىغان ئېكسپورت كونتروللۇقىنى چىڭىتىشمۇ بار» دېدى.

مىنىستىرلىقنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بېيجىڭ قوللانغان تەدبىرلەر: خىتاي گۇۋاھنامە بېرىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان زاۋۇتلارنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرۇش، ئامېرىكانىڭ مۇۋاپىقلىق دەرىجىسىنى سىنايدىغان شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ۋە ئىشخانا تىپىدىكى پرىنتېر ھەم فوتوكوپىيە ماشىنىسى ئىمپورتىغا قارىتا دۆلەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈشىنى باشلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بىيوتېخنىكا شىركىتى «Applied DNA Sciences» ۋە يەرشارى ئىلىملىرى تەتقىقات مۇئەسسەسەسى «Stratum Reservoir» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئامېرىكا شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈلۈپ، خىتايدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان «سودا، ھەمكارلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى» چەكلەنگەن.

سودا مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئالتە ئورگاننىڭ «ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىز ئامېرىكا جازالىرىغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىنى، قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

«جىددىي ئەندىشە»

ب د ت ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان، ئىنسانىيەتكە قارشى يوشۇرۇن جىنايەتلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلماقتا.

رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارى خې لىفېڭ ئامېرىكا سودا ۋەكىلى جەمىسون گرېر (Jamieson Greer) بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، يېقىنقى مەزگىلدىكى چەكلىمىلەر توغرىسىدا «جىددىي ئەندىشە»سىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆتكەن ھەپتە، ۋاشىنگتون يېڭى باجلاردىن سىرت، يەنە چەت ئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئادەمسىمان ۋە تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكانى خىتاي شىركەتلىرىنى «باستۇرۇش» قا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن يىلنىڭ كۆپ قىسمىنى كەسكىنل سودا ئۇرۇشى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆكتەبىردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق بىر قېتىملىق «ئۇرۇش توختىتىش» ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە باشقا سودا شېرىكلىرىگە قارىتا قوللانغان ئەڭ يېڭى تاموژنا بېجى تەدبىرلىرى بۇ «ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمىنى خەتەرگە ئىتتىردى؛ بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سودا ئۇرۇشى باشلىماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ