ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېتىشلىق ئورۇنلارغا قىلغان ھۇجۇم سانى 5400 قېتىمدىن ئاشتى
ئىران پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېتىشلىقى بار ئورۇنلارغا 5400 دىن ئارتۇق قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ 28-فېۋرالدىكى جىددىيچىلىكتىن بۇيان مىڭلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى يوقاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە رەتلەنگەن رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىران 28-فېۋرالدىن بۇيان يەتتە ئەرەب دۆلىتىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بازىلىرى ۋە ھالقىلىق رايونلارغا كەم دېگەندە 5471 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە تېھراننىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ناھايىتى كۆپ ساندىكى ھالقىلىق نۇقتىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەركەزلىرىدىن رەتلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولغان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ 414 باللىستىك بومبا، 15 سىيرىلما باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 1914 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى يوقاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەركىزى ۋە ئارمىيەدىن كەلگەن باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، كۇۋەيت 309 باللىستىك بومبا ۋە 616 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى يوقاتقان.
بەھرەين مۇداپىئە كۈچلىرى باش قوماندانلىق مەھكىمىسى ئوخشاش بىر مەزگىلدە 174 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 391 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆز دۆلىتىگە قارىتىلغان 206 باللىستىك بومبا ۋە 93 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى دوكلات قىلدى.
ئىيوردانىيە ئارمىيەسى توقۇنۇش جەريانىدا 262 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆز زېمىنىغا كەم دېگەندە 52 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 1006 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئومان بولسا 19 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى باشلىغان ۋە ئارىسىدا شۇ چاغدىكى دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېينىمۇ بار بولغان 1340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىدىن بۇيان، شىددەت بىلەن ئېشىپ داۋاملاشماقتا.
ئىران؛ ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي كۈچلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىكلارنى ئىشلىتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇملار تالاپەتلەرنى ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەر شارى بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىنىمۇ توسالغۇغا ئۇچراتتى.