فىلىپپىن بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىماقچى

ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك كېلىشىمى، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۆكتەملىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

فىلىپپىن بىلەن ئاۋستىرالىيە ئەمەلدارلىرى مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىماقتا. سۈرەت: ئا پ. / AP

فىلىپپىن بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئورتاق بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە كېلەر يىلى (2026) يېڭى مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو (Gilberto Teodoro) مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى تېخىمۇ كۆپ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشكە، شۇنداقلا بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە رايوننىڭ توسۇش كۈچىنى كۈچەيتىشكە يول ئاچىدۇ.»

مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مانىلاغا كەلگەن ئاۋسترالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس (Richard Marles) بۇ كېلىشىمنىڭ فىلىپپىندىكى مۇداپىئە ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى، بەش جايدا تۈرلەرنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇششۇقلۇقىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

مارلېسنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى، فىلىپپىن ئارمىيەسى تالاش-تارتىشلىق ئىككىنچى توماس ساھىلى ئەتراپىدا خىتاي پاراخوتلىرى سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال كانبېررا بىلەن مانىلانىڭ داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشمە مانېۋىرىغا توغرا كەلدى.

»دولقۇن» مەنىسىدىكى فىلىپپىنچە سۆز بولغان «ALON» ناملىق 15 كۈنلۈك مانېۋىر 15-ئاۋغۇست باشلاندى. مانېۋىر رامكىسىدا، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق ھەرىكەت قىلدى. مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتى سوقۇلۇپ كېتىپ، زور  دىققەت قوزغىغان ئىدى.

خىتاينىڭ مانىلادىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.

خىتاي يىلىغا 3 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق دېڭىز سودىسى بولىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ. 2016-يىلى گاگادىكى خەلقئارالىق سوت خىتاينىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، فىلىپپىننى قوللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، خىتاي بۇ ھۆكۈمنى رەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدا فىلىپپىن بىلەن بىر قاتار دېڭىز ۋە ھاۋا توقۇنۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.