ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى: رۇبىيونىڭ تۈرك ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈرك ھەققىدىكى دەۋاسى يالغان
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى كرىس ۋان ھوللېن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ تۇتقۇن قىلىنغان تۈرك ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈرك ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ «چوڭ يالغان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى: رۇبىيونىڭ تۈرك ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈرك ھەققىدىكى دەۋاسى  يالغان
Ozturk, a PhD student in child and human development at Tufts, was detained by masked US Immigration and Customs Enforcement (ICE) agents outside her apartment in Somerville. / AA

ۋان ھوللېن دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان سىنلىق  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ماركو رۇبىيو ھازىرچە تاشقى سىياسەت ئىشلىرى بىلەن ئانچە كۆپ شۇغۇللانمايۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى، ھەتتا يېشىل كارتا ئىگىلىرى بولغان دائىمىلىق ياشاش ئىجازەتنامەسى بار كىشىلەرنى ئۇلار ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈنلا يوقىتىدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.»

بۇ باياناتلار ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. خەۋەرلەردە، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى تۇفتس ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۆزتۈركنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى پائالىيەتلەردە بولغانلىقى ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقىغا دائىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھېچقانداق دەلىل تاپالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ۋان ھوللېن مۇنداق دېدى:

 «بۈگۈن ‹Washington Post› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى خەت-چەكلىرىدە، فۇلبىرايت ئوقۇش مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ياكى يەھۇدىيلارغا قارشى پائالىيەتلەردە بولغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوقلۇقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن ماركو رۇبىيو جامائەتچىلىككە بۇ دەۋالارنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ چوڭ يالغاندۇر.»

نامسىز مەنبەلەرنىڭ «‹Washington Post› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ ئۆزتۈركنىڭ ۋىزاسىنى تاشقى سىياسەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش بەھانىسى بىلەن بىكار قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىغان بىر خاتىرە ئاشكارىلانغان.

بالىلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ساھەسىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۆزتۈرك، سومېرۋىل رايونىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ نىقابلىق جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

ئۆزتۈرك، ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان Canary Mission ناملىق تور بېكەتنىڭ، 2024-يىلى مارتتا «‹The TuftsDaily› ئوقۇغۇچىلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇملىرى تەنقىد قىلىنغان ماقالىگە ھەممۇئەللىپ سۈپىتىدە ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزتۈركنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىندى. ھالبۇكى، مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 51 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغاندى.

ۋان ھوللېن: «ماركو رۇبىيوغا مۇراجىئەت قىلىمەن: نېمىشقا قوغدىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشتىن ۋاز كەچمەيسىز؟ نېمىشقا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرمەيسىز؟ سىز تەستىقلانغاندىن بېرى شۇنداق قىلمىدىڭىز؟» دېدى.

پالاتا ئەزاسى ۋان ھوللېن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2 مىليون پەلەستىنلىكنى غەززەدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنى «نوسمۇسسىزلارچە پىلان» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولسىڭىز، نېمىشقا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا كەلمەيسىز ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى توختاتمايسىز؟»

ۋېرمونت ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى سوتچىسى دۈشەنبە كۈنى، ئۆزتۈركنىڭ قويۇپ بېرىلىپ-بېرىلمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سوتقا سۇنغان ئەرزى ھەققىدە ماي ئېيىدا سوت ئېچىلىپ – ئېچىلمايدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى