تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
تۈركىيە تۇنجى قېتىم ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بۇ قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 95 دۆلەت ۋە 7 خەلقئارا تەشكىلات رەھبەر دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتىدۇ.
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
COP31 Turkiye

تۈركىيە تۇنجى قېتىم ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە ئەزا تەرەپلەرنىڭ 31- نۆۋەتلىك يىغىنى (COP31) غا ئالتە قىتئەدىن ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، 95 دۆلەت ۋە 7 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەر دەرىجىلىك ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدىغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە مۇھىت، شەھەرچىلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يىغىن 9- نويابىردىن 20- نويابىرغىچە ئانتاليادىكى COP31 يىغىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئەھدىنامىگە ئەزا 196 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان 95 نەپەر رەھبەرنىڭ 37 سى دۆلەت باشلىقى، 35 ى ھۆكۈمەت باشلىقى، 8 ى مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى، 7 سى مۇئاۋىن باش مىنىستىر، 2 سى ۋەلىئەھد، 1 ى شاھزادە، يەنە 1 ى پارلامېنت رەئىسى ۋە 4 ى ئالاھىدە ۋەكىل ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا كومىتېتى، ب د ت، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، دۇنيا بانكىسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارمۇ ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىملىق COP31 يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ياۋروپادىن ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا (ئىككى ۋەكىل)، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، قارا تاغ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي ماكېدونىيە، لىختېنشتېين، مالتا، مولداۋىيە، نورۋېگىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سىلوۋېنىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەر دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدىن بولسا، بوتسۋانا، بۇرۇندى، ئالجىرىيە، ئېسۋاتىنى، ئېفىيوپىيە، پىل چىشى قىرغىقى، گابون، گىۋىنېيە-بىسساۋ، كومور ئاراللىرى، كونگو، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، لېسوتو، لىۋىيە، ماداغاسقار، مالى، ماۋرىتانىيە، موزامبىك، رۇۋاندا، سېيشېل، سومالى (ئۈچ ۋەكىل)، سۇدان، تانزانىيە، توگو ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ئەزەربەيجان (ئىككى ۋەكىل)، باڭلادېش، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، خىتاي، ھىندونېزىيە، ئەرمېنىيە، پەلەستىن، جەنۇبىي كورېيە، گىرۇزىيە، ئىراق، ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئىران (ئىككى ۋەكىل)، قاتار (ئىككى ۋەكىل)، قازاقىستان (ئىككى ۋەكىل)، قىرغىزىستان، كۇۋەيت، لىۋان، مالدىۋې، مالايشىيا، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىدۇ.

ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا ھەمدە ئوكيانىيە قىتئەلىرىدىن بولىۋىيە، بىرازىلىيە، گايانا، ۋېنېزۇئېلا (ئىككى ۋەكىل)، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، باھاما، باربادوس، ساينت كىتس ۋە نېۋىس، ساينت لۇسىيە، ئاۋسترالىيە، كىرىباتى، مارشال ئاراللىرى، مىكرونېزىيە، نيۇئې، پالاۋ، سولومون ئاراللىرى، تونگا شۇنداقلا تۇۋالۇ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلىدۇ.

قارارلار بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن چىقىرىلىدۇ

COP يەنى «تەرەپلەر يىغىنى»، 1992- يىلى ماقۇللانغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى (UNFCCC) نىڭ ئەڭ ئالىي قارار چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەھدىنامىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەر يىللىق يىغىندا جەم بولۇپ، ئەھدىنامە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى باھالايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، يىغىندا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر قارارلار ئېلىنىدۇ. 196 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ يىغىندا، قارارلار كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن چىقىرىلىدىغانلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرگە ئىگە.

COP يىغىنلىرى يەرشارى كىلىمات ھەرىكىتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ

بۇ يىغىننىڭ يادرولۇق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ــــ ئەزا دۆلەتلەر سۇنغان دۆلەت دوكلاتلىرى ۋە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش تىزىملىكلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان COP يىغىنلىرى، مەيلى كىيوتو كېلىشىمنامىسى بولسۇن ياكى پارىژ كېلىشىمى بولسۇن، يەرشارى كىلىمات ھەرىكىتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كىلىمات سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ كەلدى.

بۇ يىلقى سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسلىقى كىلىمات مەبلىغى، ئادىل ئۆتۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تېمىلىرىغا مەركەزلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بولۇپمۇ، يەرشارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «كىلىمات مەبلىغى» مەسىلىسى، ئىلگىرىكى يىغىنلارغا ئوخشاشلا بۇ قېتىمقى COP31 سۆھبەتلىرىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى بولۇپ قالغۇسى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم COP يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىشى

تۈركىيە بۇ نۆۋەت تارىختا تۇنجى قېتىم COP يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى. جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ يوليورۇقى بىلەن، تۈركىيەنىڭ COP31 رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مۇھىت، شەھەرچىلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم ئۆز ئۈستىگە ئالدى. تۈركىيەنىڭ COP31 ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي تەسەۋۋۇرى ـــ «دىيالوگ»، «مۇرەسسە» ۋە «ھەرىكەت» پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ، بۇ يىغىننى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر قېتىملىق «ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىغىنى» غا ئايلاندۇرۇش دەپ بېكىتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى