غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى
ئىسرائىلىيەلىك بىر مۇداپىئە گۇرۇپپىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئادۋوكاتلارغا بىرازىلىيە پۇقراسى تىياگو دې ئاۋىلا بىلەن تېگى پەلەستىنلىك ئىسپانىيە پۇقراسى سەيىف ئەبۇ كەشكنى قويۇپ بېرىپ، دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى / Reuters

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان ئىسرائىلىيەلىك بىر مۇداپىئە گۇرۇپپىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ غەززەگە كېتىۋاتقان دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى ئاكتىپنى قويۇپ بېرىش پىلانى ھەققىدە ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادالاھ تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى شىن بېتنىڭ ئادالاھ قانۇن گۇرۇپپىسىغا بىرازىلىيە پۇقراسى تىياگو دې ئاۋىلا بىلەن تېگى پەلەستىنلىك ئىسپانىيە پۇقراسى سەيىف ئەبۇ كەشكنىڭ كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

ئىسرائىلىيەلىك دائىرىلەرنىڭ ئاۋىلا بىلەن ئەبۇ كەشكنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغۇچە نازارەت ئاستىدا تۇتۇلىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

بېئېرشېبادىكى بىر ئىسرائىلىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئادالاھنىڭ پائالىيەتچلەرگە قارىتا نازارەت مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا قايتۇرغان نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 30-ئاپرېل كۈنى قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدىن تەخمىنەن 600 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى گىرىېتسىيەنىڭ گىرىت ئارىلى ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 2007-يىلىدىن بۇيان غەززەگە ئېغىر قورشاۋ يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. رايوندىكى 2.4 مىليون كىشى ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارىتا ئىككى يىل داۋاملاشقان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 172 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندۇرۇلغان بولۇپ، مۇھاسىرىگە ئېلىنغان رايوندا زور كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق يۈز بەرەەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gaza-bound aid flotilla activists report assaults and sexual harassment by Israeli forces
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى