پاپا لېيو تۇنجى قېتىم دىنىي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
پاپا لېيو تۇنجى قېتىم دىنىي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدىپاپا 14-لېيو تۇنجى قېتىم پاپا سۈپىتىدە روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدىكى دىنىي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
پاپا لېيو تۇنجى قېتىم دىنىي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى / Reuters

پاپا 14-لېيو مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مالپەرەسلىككە قارىتا تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن چېركاۋنىڭ كونا ئەنئەنىلىرىگە قايتىش دەپ قارالغان بىر سىگنالنى بەردى. رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ باشلىقى پاپا 14-لېيو چارشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىملىق روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدا دىنىي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

رىم شەھەر چېگراسى ئىچىدىكى ۋاتىكانغا جايلاشقان ساينت پېتروس چوڭ چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا كاردىناللار، ئېپىسكوپلار، راھىبلار، ۋاتىكاندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋەكىللەر ۋە ناھايىتى كۆپ ساندا مېھمانلار قاتناشتى.

كاردىنال روبېرت فىرەنسىس پرېۋوست پاپا فرەنسىس 21-ئاپرېلدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 8-مايدا كاتولىك چېركاۋىنىڭ 267-پاپاسى بولۇپ سايلانغان ۋە 14-لېيو دەپ ئاتالغان ئىدى.

پاپا لېيو مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ناچار ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئىنسانلارنى مال-مۈلۈك ئورنىدا كۆرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالپەرەسلىكنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ، دىنىي مۇراسىمدىن ھارپىسىدا ساينت پېتروس چوڭ چېركاۋى ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولغانلارغا سالام بېرىپ، ئۇلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پاپا لېيو ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پاپالاردىن پەرقلىق ھالدا، روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدىكى مۇراسىمىنى بىرئاز كېچىكىپ، يەنى يېرىم كېچىگە يېقىنلاشقاندا باشلىدى ۋە مۇراسىمنى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇردى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ ئەھۋال مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كونا ئەنئەنىلەرگە قايتىش دەپ چۈشەندۈرۈلدى.

پاپا پەيشەنبە كۈنى روژدېستۋو مۇراسىمىدىن كېيىن، ساينت پېتروس چوڭ چېركاۋىدا ئەنئەنىۋى «Urbi et Orbi» (شەھەرگە ۋە دۇنياغا) دەپ ئاتىلىدىغان نۇتىقىنى سۆزلەيدۇ. 14-لېيو نۇتىقىدا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سىگناللارنى بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى