غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى
ئامستېردامدا غەززەنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەپەرەس سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا غەززەنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4- قېتىملىق «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەپەرەس سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ۋە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش مۇزېيلار مەيدانىدا باشلاندى. قىزىل سىزىققا سىمۋول قىلىش مەقسىتىدە قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەن نامايىشچىلار، ئامستېردام كوچىلىرىدا پىيادە ماڭغاندىن كېيىن يەنە مۇزېيلار مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.

پائالىيەتكە خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ گوللاندىيە شۆبىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 دىن ئارتۇق تەشكىلات قاتناشتى. تەشكىللىگۈچىلەر نامايىشقا 200 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نامايىشتا سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن ئىسرائىلىيەگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى، ئۇنىڭغا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ۋە سىياسىي قوللاشنى توختىتىشنى ھەمدە ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ يېزىلغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ ماڭغان نامايىشچىلار «تىنچلىق پىلانى ئەمەس، ئىمپېرىيالىزم»، «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىل»، «ئىسرائىلىيەنى دەرھال توختات» ۋە «فىلوتتىن قولۇڭنى تارت» دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالدى.

نامايىشچىلار يەنە «ھۆكۈمەت نومۇس قىل، قولۇڭ قانغا بويالغان»، «ئەركىن پەلەستىن»، «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا تىنچلىق بولمايدۇ»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» ۋە «بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات» دەپ شۇئار توۋلىدى.

مەمۇرىي پايتەخت لاھېيدا «قىزىل سىزىق» نامى ئاستىدا 2025-يىلى 18-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-قېتىملىق نامايىشقا تەخمىنەن 100 مىڭ، 2025-يىلى 15-ئىيۇندىكى 2-قېتىملىق نامايىشقا تەخمىنەن 150 مىڭ كىشى قاتناشقان ئىدى. 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئامستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق نامايىشقا بولسا تەخمىنەن 250 مىڭ كىشى قاتناشقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى