تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: بۇ تولۇق مەنىدىكى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، سادىر قىلغۇچىسى نېتانياھۇدۇر
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، بەلكى بىر قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.
ئەردوغان: بۇ تولۇق مەنىدىكى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، سادىر قىلغۇچىسى نېتانياھۇدۇر
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايان قىلغان ئىتتىپاقلىقىنى ماختىدى. / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «تولۇق مەنىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە بېنيامىن نېتانياھۇنى بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئارىلىقىدا «فوكس خەۋەرلىرى» (Fox News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۇنى باشقىچە ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ تولۇق مەنىدىكى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سادىر قىلغۇچىسى نېتانياھۇدۇر. نېتانياھۇ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئون مىڭلىغان كىشىنى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ غەززەدە 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ يارىلانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەتكە ئېلىپ كېلىپ داۋالىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى ھەمدە: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا پۈتۈنلەي قارشى تۇرىمىز» دېدى.

ھاماس ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلار ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جىنايەتنىڭ پەقەت ھاماسقىلا ئائىت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلىپ: «بۇ بىر تەرەپلىمە جىنايەت ئەمەس. بۇ ۋەزىيەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى پەقەت ھاماسنىڭ ئۈستىگە يۈكلەش خاتا. يەنە بىر تەرەپتىن، نېتانياھۇنىڭ قىلمىشلىرىنى قانداقمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويالايمىز؟» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنى پۇقرالارغا قارا-قويۇق ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھاماس قورال-ياراغ جەھەتتە ئىسرائىلىيەدىن كۈچلۈك، دېيەلەمدۇق؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىسرائىلىيە بۇ قوراللارنى يەتتىدىن يەتمىشكە، ئايال، بالا-چاقا، ياشانغان دېمەستىن رەھىمسىزلەرچە ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار شەپقەتسىز ۋە بۇ ئىنسانلار قەتلى قىلىنماقتا» دېدى.

توپىلاڭنىڭ ئاخىرلىشىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەل قىلىش چارىسى مەسىلىسىدە گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ھەل قىلىنمىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېسىڭىزدە بولسا، ترامپ ئەپەندى بىر سۆزنى ئىشلەتكەنىدى. ‹رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مەن ئاخىرلاشتۇرىمەن› دېگەنىدى. ئاخىرلاشتىمۇ؟ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئوخشاش شەكىلدە ‹غەززە ئۇرۇشىنى مەن ئاخىرلاشتۇرىمەن› دېدى. ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياق».

ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا ئۇ: «مەن ھاماسنى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلارنى بىر قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى دەپ قارايمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايان قىلغان ئىتتىپاقلىقى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىدە كۇۋەيت تەخت ۋارىسى شەيخ ئەسسەباھ بىلەنمۇ ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايان قىلغان ئىتتىپاقلىقىنى ماختىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى، بولۇپمۇ سودا ساھەسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى