سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان پاكىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى پاكىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ھىندىستان پاكىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشتا نۇرغۇن  ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ھىندىستان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئانىل چاۋخان بايانات ئېلان قىلىپ، 7-مايدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2025-يىلى5-ئاينىڭ31-كۈنى

ھىندىستان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئانىل چاۋخان بايانات ئېلان قىلىپ، 7-مايدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بۇ باياناتى ھىندىستاننىڭ توقۇنۇش جەريانىدا ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقىغا دائىر ھىندىستانلىق بىر ئەمەلدارنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئېتىراپى ھېسابلىنىدۇ.

ھىندىستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى، دۆلىتىنىڭ ماي ئېيىدا پاكىستان بىلەن يۈز بەرگەن قىسقا ۋە كەسكىن توقۇنۇش جەريانىدا بەزى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى زىيان تارتقانلىقلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلدى. بلۇمبېرگ تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان بۇ باياناتتا، ھىندىستان تەرەپنىڭ زىيان تارتقان ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى دەلىللەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان قوماندان، توقۇنۇشنىڭ يادرو جىددىيچىلىكىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنىمۇ رەت قىلدى.

سىنگاپوردىكى «شاڭرىلا دىيالوگى» يىغىنى جەريانىدا بلۇمبېرگ تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئانىل چاۋخان، زىيان تارتقان ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىدىنمۇ بەكرەك بۇ زىيانلارنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«ئەڭ مۇھىمى قانچە ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ سەۋەبلىرىدۇر» دېگەن چاۋخان، پاكىستاننىڭ ئالتە ھىندىستان ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى «پۈتۈنلەي خاتا» دەپ ئاتىدى، ئەمما ھىندىستاننىڭ ھەقىقىي زىيانلىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

چاۋخان ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بۇ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز تاكتىكىلىق خاتالىقنى ئېنىقلاپ چىقتۇق، ئارقىدىنلا تېزلىكتە تۈزەتتۇق ۋە ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك ئېنىق ھۇجۇملار بىلەن ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇردۇق.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق تۈردىكى ئايروپىلانلىرى 10-ماي كۈنى بارلىق تۈردىكى ئوق-دورىلار بىلەن ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.»

ھىندىستان ئىلگىرى شۇ كۈنى پايتەخت ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى بىر بازىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەم دېگەندە سەككىز ھاۋا بازىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پاكىستان ئارمىيەسى بولسا ھىندىستاننىڭ 7-مايدىكى زىيانلىرىدىن كېيىن كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى قايتا ئۇچۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چاۋخاننىڭ باياناتى 7-مايدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ھىندىستان تەرەپ تارتقان ھاۋا زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھىندىستانلىق بىر ئەمەلداردىن كەلگەن ئەڭ ئوچۇق ئېتىراپ سۈپىتىدە دىققەت تارتماقتا. يېڭى دېھلىدىن بۇ ھەقتە ئىلگىرى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغانىدى.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ھىندىستاننىڭ 6 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئەمما بۇ قاراش مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن ۋە ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغانىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - How China built the J-10C, Pakistan’s fighter challenging India’s Rafale

يادرو ئەندىشىسى يوق

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، بەزى ھۇجۇملارنىڭ پاكىستاننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە يېقىن ھەربىي بازىلاردا يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنمىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

چاۋخان ۋە پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ساھىر شامشاد مىرزا، توقۇنۇش جەريانىدا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھەرگىزمۇ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋخان  رېيتېر ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم سۆھبىتىدە مۇنداق دېدى:

«يادرو بوسۇغىسىدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن بوشلۇق ۋە سىگناللار بار، مېنىڭچە بۇنداق ئىش يۈز بەرگىنى يوق.

مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە، توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ھەربىي فورما كىيگەن كىشىلەر بولىدۇ. بۇ ھەرىكەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىدە خېلى ئەقىللىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يادرو ساھەسىدە بىر تەرەپنىڭ ئەقىلسىز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغۇدەكمىز؟»

 چاۋخان يەنە، پاكىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىدا چېگرا قوشنىسى بولغان خىتاي بىلەن يېقىن ئىتتىپاقداش بولۇشىغا قارىماي، توقۇنۇش جەريانىدا بېيجىڭدىن ھېچقانداق ياردەم ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەقەلەر  22- ئاپرېل كۈنىدىن باشلاپ يۈز بېرىۋاتقاندا، شىمالىي چېگرالىرىمىزنىڭ ھەرىكەت ياكى تاكتىكىلىق چوڭقۇرلۇقىدا ھېچقانداق بىنورمال پائالىيەت كۆرمىدۇق ۋە ئىشلار ئادەتتىكىدەك ئىدى.»

يادرو قوراللىرىغا ئىگە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئونلارچە يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇش، ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە 22-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن ۋە كۆپىنچىسى ساياھەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان 26 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغانىدى.

يېڭى دېھلى بۇ ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا پاكىستان قوللايدىغان «تېررورچىلار» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئىسلامئاباد مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقى قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

 ھەر ئىككى تەرەپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە زەمبىرەكلىرىنى ئىشلەتكەن كەسكىن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، 10-ماي كۈنى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ۋېنگىرىيەگە قارىتىلىدىغان جازانى بىر يىل كېچىكتۈردى
خىتاي گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ G20 باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدى
سېئۇل: شىمالىي كورېيە ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
جېنسېن خۇاڭ: خىتاي سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى 3 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
تانزانىيەدە زوراۋانلىق ۋە نامايىشلار سايىسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
مېرز: تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
ترامپ: شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ
ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى