تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئالقىشلىدى، غەززەدىكى ھۇجۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نېتانياھۇنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇشقا قارىتىلغان ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئالقىشلىدى، غەززەدىكى ھۇجۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى
ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلغان پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىمەكتە / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئالغان دۆلەتلەرنى ماختاپ، بۇ خىلدىكى قەدەملەرنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانى ئۈچۈن «ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

22-سېنتەبىر نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت پەلەستىن يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئېتىراپ قىلىش قارارلىرىنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى «ئىنتايىن مۇھىم، تارىخىي بىر قارار» دەپ ئاتىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «غەززەدىكى قىرغىنچىلىق شىددەت بىلەن داۋام قىلماقتا ۋە ۋىجدانى بار ھېچكىم بۇنداق بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلالمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۈگۈن پەلەستىن دەۋاسىنىڭ دۇنياۋى بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئىمكانقەدەر زورلۇق بىلەن يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈشتۇر».

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنۇلارنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى: «بىر چاغلاردا ھولوكوستنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر جەمئىيەتتىن كەلگەن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى، ھازىر مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان زېمىن ۋە سۇنى ئورتاقلىشىپ كەلگەن قوشنىلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە».

فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت دا ئورتاق ساھىبخانلىق قىلغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىندى. ئەمما بۇ پائالىيەت، فىرانسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە قەدەم ئېلىشقا ۋەدە بېرىشى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندى.

«TRT World»  قانىلىنىڭ مۇخبىرى بابا ئۇمار نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق ئورتاق تونۇش، پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.»

جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقلىرى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشىنى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى «تاماملانغان ئەمەلىيەت يارىتىش» ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيەنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىشغالىيەت ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا نىشانى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانى تەسەۋۋۇرىنى يوقىتىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىشتۇر؛ بۇ ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر» دېدى.

ئۇ يەنە جىددىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە دەرھال بىر ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشى ھازىرقى تەخىرسىز زۆرۈرىيەتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى