خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
لىۋاندا ئاخىرقى ئۆلۈم جازاسى 2004-يىلى ئىجرا قىلىنغان ئىدى.
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى

لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى.

لىۋان رەسمىي ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پارلامېنت ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە ئورنىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتقان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغان.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئادىل ناسسار قانۇننىڭ پارلامېنتتىن ئۆتۈشىنى «تارىخىي بىر قەدەم» دەپ تەرىپلىدى ۋە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ «جىنايەتكە يول قويۇلىدۇ» دېگەنلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋاندا ئۆلۈم جازاسى ئاخىرقى قېتىم، سابىق پىرېزىدېنت ئېمىل لاھۇد ۋەزىپە ئۆتىگەن 2004-يىلى ئىجرا قىلىنغان ئىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم رۇخسەت تەلىپىنىڭ مەسئۇلى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان خۇسۇسىي كېلىشمەسلىك نەتىجىسىدە 11 خىزمەتدىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە جىنايىتى بېكىتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار