ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان «ھەر خىل يامان نىيەتلىك تور ئاكتىيورلىرى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، دۆلەت ئورگانلىرى، تېخنولوگىيە، مۇداپىئە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئېنېرگىيە، سەھىيە، ياسىمىچىلىق، تېلېگراف ۋە قانۇن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ساھەلەردە دۇنيا مىقياسىدىكى ئورگانلارنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ARTEX نى ئىشلەتكەن».
ئاگاھلاندۇرۇشتا سۈنئىي ئەقىل قوللىشىغا ئىگە بۇ قورالنىڭ يامان نىيەتلىك ئاكتىيورلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ تېز ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «ARTEX ھۇجۇم تېخنىكىلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقارتىدۇ ۋە بەزى سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرى دەسلەپكى نىشانلاشتىن ئىمتىيازلىق زىيارەتكە ئېرىشىشكىچە ئۈچ سائەتتىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرىلەيدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
يېقىنقى مەزگىلدىكى تور كاشىلىلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقتەك قىلىدۇ جەنۇبىي كورېيەدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىمۇ يېقىندا ARTEX ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
بىر FBI ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ARTEX دىن پايدىلىنىشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (NSA) ئىچكى تورىدىكى مەسىلىلەر، JPMorgan Chase غا مۇناسىۋەتلىك بانكا ئۈزۈلۈشلىرى، رەقەملىك سۇپا Optimizely ئارقىلىق يۈز بەرگەن تور بېكەت زىيانداش يۇمشاق دېتال ھۇجۇملىرى، مەملىكەت مىقياسىدا ئۇچۇشلارنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان يېڭىلاش ۋە Microsoft Outlook ئۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن تور مەسىلىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدىكەن.
FBI بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ يېڭى بىر ئۇقتۇرۇش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلدۇق، چۈنكى يىل ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا ئامېرىكالىقلارنىڭ تونۇشلۇق تېخنىكىلارنى ماشىنا تېزلىكىدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان جىنايەتچىلەر ۋە دۆلەت ئاكتىيورلىرىغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغدىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.





















