خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
براۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى ۋالېنتېنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنى زىلزىلىگە سالغان قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
براۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى ۋالېنتېنىڭ جەسىتى تېپىلدى
براۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوق چىقىرىش گۇماندارى ئۆلۈك تېپىلدى. / Reuters

براۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان شەخسنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ نيۇ-ھامپشىر ئىشتاتىدىكى بىر ئامباردا، يېنىدىكى ئىككى دانە قورال بىلەن بىللە جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پىروۋىدېنس ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئوسكار پېرېز، جىنايەت گۇماندارىنىڭ كلاۋدىيو نېۋېس-ۋالېنتې ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ: «بۈگۈن كېچە ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى»،دېدى.

تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلار، 48 ياشلىق پورتۇگالىيە پۇقراسى نېۋېس-ۋالېنتېنى ئوخشاش ۋاقىتتا بوستوندىكى ئۆيىدە، ماساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا (MIT) خىزمەت قىلىدىغان بىر فىزىكا ئالىمىنىڭ ئۆلۈمىنىڭمۇ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ساقچى باشلىقى پېرېزنىڭ ئېيتىشىچە، قولغا چۈشۈرۈلگەن دەسلەپكى دەلىللەر پىروۋىدېنس شەھىرىدە باشلانغان تەكشۈرۈش سايىسىدا ئىككى ۋەقە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەت تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. تەپسىلاتلارنىڭ بوستوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ۋەقە جەريانى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار

براۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھۇجۇم، شەنبە كۈنى رود ئايلاند ئىشتاتىنىڭ پىروۋىدېنس شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان پەيتتە مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان بىر ھۇجۇمچى مەكتەپتىكى بىر بىناغا كىرىپ ئوق چىقارغان، ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنىدى.

ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ براۋن ئۇنىۋېرسىتېتى «جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېللا كۇك بىلەن مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەسلىي ئۆزبېكىستانلىق مۇھەممەد ئەزىز ئۆمەرزاقوۋ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. شەھەر باشلىقى برېت سمايلېي يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر، ئەمما تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى، بەش كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ھالەتتە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ بولسا دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېيتتى.

تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ساقچىلار ھۇجۇمچىنىڭ ئىزىنى تېپىشتا قىينالغان، پەقەت «ئالاقىدار كىشى» دەپ ئاتالغان بەزى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىلا جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانىدى. ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر كىشى كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەنىدى.

بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە تەنقىدلەر

براۋن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رايونىدىكى 1200 بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ ساقچى كۆزىتىش سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ئۇلانمىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىكى يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن تەنقىدلەندى. بۇ تەنقىدلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«قورال زوراۋانلىقى ئارخىپى» ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكادا بۇ يىل ھازىرغىچە 300 دىن ئارتۇق كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن. مەزكۇر ئورگان تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئوق تېگىش ۋەقەلىرىنى مۇشۇ دائىرىدە باھالايدۇ. قورالغا ئېرىشىشنى چەكلەشكە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلار بولسا، دۆلەتتىكى سىياسىي تۇيۇق ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمايۋاتىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى