ۋېنېسۇئېلا كولومبىيە چېگراسىغا 15 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردىغان بولدى
بۇ ھەرىكەت ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغا قارىتا بېكىتكەن مۇكاپات سوممىسىنى ئۆستۈرگىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.
ۋېنېسۇئېلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كولومبىيە چېگراسىدىكى زۇلىيا ۋە تاچىرا ئۆلكىلىرىگە 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دىئوسدادو كابېللو بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ «تىنچلىقنى ساقلاش» ۋە رايوندىكى جىنايەتچى گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھەرىكەتتە ئاۋىئاتسىيە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە «دەريا چارلاش» ئەترەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.
بۇ ھەرىكەت يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى تۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇچۇر ئۈچۈن مۇكاپاتنى 50 مىليون دوللارغا ئۆستۈرۈشى ۋە كارىب دېڭىزىغا ھەربىي كۈچ ئەۋەتىشى بىلەن بىرگە جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.
كابېللو كولومبىيە دائىرىلىرىنى چېگرا رايونىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن «ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا» چاقىرىپ: «جىنايەتچىلەر، جىنايەتچى گۇرۇھلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ھەر قانداق كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بىزمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
كابېللو يەنە: «خەلقىمىز ئىشەنچ قىلالايدىغان بىر ئىش شۇكى، بىز بۇ رايوندا ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. 15 مىڭ ئەسكەر ساقچى كۈچلىرىنىڭ تولۇق قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بىر ئورتاق تىرىشچانلىقتۇر. ھازىر ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەزى (جىنايەتچى) لاگېرلارنى يوق قىلغانلىقىمىزغا كاپالەت بېرىمەن» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا ۋېنېسۇئېلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادرىنو لوپېز، ئامېرىكانىڭ ۋېنېسۇئېلا كۈچلىرىنىڭ كولومبىيەلىك پارتىزانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كوكائىن ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. بۇ بايانات ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى (DEA) نىڭ باشلىقى تېررىي كولنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ كولومبىيەلىك پارتىزانلارنىڭ مېكسىكىلىق كارتېللارغا رېكورت مىقداردا كوكائىن يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى.
ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەملىرى ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە پىلانلىغان ھەربىي مانېۋىرلىرى سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا مادۇرونى «قۇياش كارتېلى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر زەھەر ئەتكەسچىلىكى تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى، كابېللو ۋە مادۇرو بولسا بۇ كارتېلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلماقتا.
ئامېرىكانى قوللاش مەقسىتىدە فىرانسىيەمۇ ھەم كارىب دېڭىزىدىكى كۆزىتىشىنى كۈچەيتىش قارارى ماقۇللاپ، گۋادېلوپتىكى دېڭىز ھلاقىغان زېمىنىغا تېخىمۇ كۆپ پاراخوت ئەۋەتتى.