سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە خەلقئارالىق ئورگان يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
غەززەنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان خەلقئارالىق ئورگان 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
غەززەدە خەلقئارالىق ئورگان يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
Трамп хәлиқара муқимлаштуруш күчиниң Ғәззәгә "жуда тез арида" келиши мумкинлигини мәлум қилди. / Reuters

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ ئەرەب ۋە غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، غەززەنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان خەلقئارالىق ئورگاننى ئېلان قىلىشنىڭ، ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىقىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا توغرا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىقىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا غەززەنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بىر ئەرەب ئەمەلدارى ۋە بىر غەرب دىپلوماتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، «تىنچلىق كېڭىشى» (Board of Peace) دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ باشچىلىق قىلىدىغان بۇ ئورگان، مۇددىتى ئىككى يىل بولغان ۋە مۇددىتى ئۇزارتىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ھوقۇق رامكىسىدا، غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدارلار، خەلقئارالىق ئورگاندا تەخمىنەن 12 ئوتتۇرا شەرقلىق ۋە غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززەنىڭ كۈندىلىك مەمۇرىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان پەلەستىن تېخنىكىلىق ئەمەلدارلار كومىتېتىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ.

قاھىرەدىن تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەرب دىپلوماتى مۇشۇ ئاي (2025-يىلى دېكابىر) نىڭ ئاخىرىدا ترامپ بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ كۆرۈشكەندە خەلقئارالىق ئورگاننىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھىم تەلىپى بولغان بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ھاماسنىڭ قورال تاشلىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، قوراللىق «خەلقئارالىق تىنچلىق ساقلاش قىسىمى» قۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Phase two of Gaza plan will begin 'pretty soon' — Trump

بۇ ھەرىكەت، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ماھىيتىدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان بۇ رايون ئۈچۈن ترامپنىڭ 20 ماددىلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدۇ.

10-ئۆكتەبىر (2022) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىقلىرى سەۋەبىدىن قايتا-قايتا توختاپ قالدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى، ھاماس كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى تېخى تاپشۇرۇپ بەرمىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەرەب ئەمەلدارى قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىمىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 2026-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە باشلىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2026-يىلىنىڭ بېشىدا «قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ كىرىشى» نىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ھەر ئىككى ئەمەلدار قىيىن بولۇشى مۆلچەرلەنگەن ئىككىنچى باسقۇچتا، ھاماس ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن توغرىسىدا «كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەر» نىڭ دەرھال باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھىم مەسىلىلەر ئارىسىدا، ھاماس تېخىچە قوبۇل قىلمىغان قورال تاشلاش ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى قاتارلىق ماددىلار بار.

غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ تېخى بېكىتىلمىدى.

پەلەستىنلىكلەر يېڭى ھاكىمىيەت ئورگىنىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ رولىنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە كەلگۈسىدە دۆلەت قۇرۇشقا ئېنىق ۋەدە بېرىلمىگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ پىلانىدىمۇ پەقەت بەلگىلىك شەرتلەر ئاستىدا مۇمكىن بولىدىغان دۆلەت قۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۈجمەل بىر ماددىلا بار.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار