ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىشتىكى رولىنى ماختىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مېلونى ۋە دىبەيبە ئادەم ئەتكەسچىلىكى تورلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش، كۆچمەنلەرنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش ۋە لىۋىيەلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مۇقىملىق مۇساپىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئورتاق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھەققىدە پۈتۈشتى.
ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىشتىكى رولىنى ماختىدى
/ AA

ئىتالىيە ئىستانبۇلدا لىۋىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشتا تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ماختاپ، نەتىجىلەرنى «ناھايىتى ياخشى » دەپ ئاتىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ۋە لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە ئورتاق خىرىسلارغا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولدى.

مېلونى «بۇ مەسىلىدە تۈركىيە بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇكەممەل نەتىجىلەرنى» ماختاپ، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەرنى لىۋىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باش مىنىستىر مېلونى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقئارالىق جىنايەت تورلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش، تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە لىۋىيە دۇچ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر بېسىمىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلدى.»

رەھبەرلەر يەنە لىۋىيەنىڭ بىرلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا بولغان ۋەدىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

مېلونى لىۋىيەلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىدىكى سىياسىي مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىشەنچلىك سايلاملار ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۈچ تەرەپ، مەلۇم بىر ۋاقىت جەدۋىلى ئىچىدە تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەرنى بېكىتىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق سەۋىيەدە سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا قوشۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى  ئاقدېڭىزدىكى رايونلۇق خىرىسلارغا، بولۇپمۇ تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە قارشى كۈرەشتە ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan, Meloni, Dbeibeh at Istanbul summit agree to tackle Med challenges, urge Gaza ceasefire

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى