ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ تۇنجى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش پاراخوتى «ئوسمان غازى» قارادېڭىز پورتىغا يېتىپ باردى
قارادېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنىگە 20 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈشى كۈتۈلۈۋاتقان «ئوسمان غازى» پاراخوتى، تۈركىيەدىكى تەخمىنەن 8 مىليون ئائىلىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
تۈركىيەنىڭ تۇنجى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش پاراخوتى «ئوسمان غازى» قارادېڭىز پورتىغا يېتىپ باردى
The platform will operate at the site for 20 years. / Photo: AA / AA

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دالا  تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش - ئىشلەپچىقىرىش پاراخوتى «ئوسمان غازى» شەنبە كۈنى قارادېڭىز قىرغىقىدىكى فىليوس پورتىغا يېتىپ باردى.

بۇ غايەت زور پاراخوت ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىنىڭ 572-يىللىق خاتىرە كۈنى بولغان 29-ماي كۈنى، ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق يولغا سېلىپ قويۇلغان، كېيىنچە ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكەنىدى.

كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى 10 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە 10 مىليون كۇب مېتىر يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ پاراخوت، قارادېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنىگە 20 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزىدۇ.

تۈركىيەدىكى تەخمىنەن 8 مىليون ئائىلىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ پاراخوت، ئۇدا 20 يىل بۇ ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

140 خادىم ئىشلىيەلەيدىغان بۇ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 298.5 مېتىر، كەڭلىكى 56 مېتىر ۋە چوڭقۇرلۇقى 29.5 مېتىر كېلىدۇ. بۇ پاراخوتنىڭ 2026-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى