سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئافغانىستاننىڭ زېمىنى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئىشلىتىلمەيدۇ
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇتتەقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، كابۇلنىڭ خىتاينى «ياخشى سودا ھەمراھى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىككى تەرەپ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ 1مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئافغانىستاننىڭ زېمىنى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئىشلىتىلمەيدۇ
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇتتەقى (ئوڭدا) بىلەن پاكىستان ۋەكىلى مۇھەممەد سادىق خىتايدا. سۈرەت: شىنخۇا ئاگېنتلىقى. / Others

تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقى چارشەنبە كۈنى (20-ئاۋغۇست) خىتاي تاشقى ئىشلار  مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھەرگىزمۇ قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 2022-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى كابۇلغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىدۇر.

تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي، ئافغانىستان ۋە پاكىستان دىپلوماتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، ۋاڭ يى بىلەن مۇتتەقى ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - China the guide as Pakistan, Afghanistan start new journey on old path

باياناتتا، مۇتتەقىنىڭ ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ قاتناش، بانكا ۋە سودا تەڭپۇڭلۇقى ساھەلىرىدە «ئەمەلىي تەكلىپلەرنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئافغانىستان تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋاڭ يى كابۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋاڭ يى: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى ئافغانىستاننىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن ھەمدە بېيجىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول »  تۈرىنى  كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Afghanistan joins Beijing's multibillion-dollar China-Pakistan Economic Corridor

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، بېيجىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لايىھەسىنىڭ مۇھىم تۈرى بولغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى ئافغانىستانغىچە كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.

كابۇل خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان تۇنجى كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشقا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

2021-يىلى 8-ئايدا تالىبان ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى پەقەت رۇسىيەلا رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھاپىز زىيا ئەھمەت ئېكس  (X) تە ھەمبەھرلىگەن ئۈچۇرىدا، «ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدا، سىياسىي، رايونلۇق ۋە  ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دىپلوماتىك تېمىلار ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ماي ئېيى (2025) دا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى