تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇتتەقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، كابۇلنىڭ خىتاينى «ياخشى سودا ھەمراھى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىككى تەرەپ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ 1مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقى چارشەنبە كۈنى (20-ئاۋغۇست) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ كۆرۈشۈشتە ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھەرگىزمۇ قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 2022-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى كابۇلغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىدۇر.
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي، ئافغانىستان ۋە پاكىستان دىپلوماتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، ۋاڭ يى بىلەن مۇتتەقى ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
باياناتتا، مۇتتەقىنىڭ ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ قاتناش، بانكا ۋە سودا تەڭپۇڭلۇقى ساھەلىرىدە «ئەمەلىي تەكلىپلەرنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئافغانىستان تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋاڭ يى كابۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋاڭ يى: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى ئافغانىستاننىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن ھەمدە بېيجىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول » تۈرىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، بېيجىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لايىھەسىنىڭ مۇھىم تۈرى بولغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى ئافغانىستانغىچە كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.
كابۇل خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان تۇنجى كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشقا ساھىبخانلىق قىلماقتا.
2021-يىلى 8-ئايدا تالىبان ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى پەقەت رۇسىيەلا رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھاپىز زىيا ئەھمەت ئېكس (X) تە ھەمبەھرلىگەن ئۈچۇرىدا، «ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدا، سىياسىي، رايونلۇق ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دىپلوماتىك تېمىلار ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن ئىدى.
خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ماي ئېيى (2025) دا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.