تۈركىيە
3 min read
ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا: غەزەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېرەك
يەنە بىر قېتىم، غازادا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەگە دۇچ كېلىپ، دەرھال ۋە داۋاملىق ئوت توختىتىشقا چاقىرىمەن. 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ئەردوغان بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان G20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى نۇتقىدا.
00:00
ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا: غەزەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى غەززەدە دەرھال ۋە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

ئەردوغان بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «ئىجتىمائىي قاتنىشىش ۋە ئاچارچىلىق ھەم نامراتلىققا قارشى كۈرەش» ماۋزۇلۇق يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن يەنە بىر قېتىم غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەنى نەزەردە تۇتۇپ، دەرھال ۋە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيە قورشاۋىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 96 پىرسەنتى، يەنى «2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى»نى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە: «غەززەدىكى ئاچارچىلىق خەۋپى خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە پاجىئە دەرىجىسىگە يەتتى. غەززەدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى ھۇجۇملارنىڭ كۈچىيىشى ۋە قىش پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ غەززەگە 86 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشياسى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ لىۋانغا بەرگەن ياردىمىنىڭ 1300 توننىدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيادا ھەر 10 كىشىدىن بىرىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ توققۇز يىل ئىلگىرى ماقۇللىغان 2030-يىلغىچە بولغان تۇراقلىق تەرەققىيات نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلارنىڭ تېخى كۈتۈلگەن نەتىجىلەرنى بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم قىلىشنى بۇرچى دەپ قارايدىغان ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە: «تۈركىيە بىرازىلىيە رەئىسلىكىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا قارشى دۇنيا بىرلىكى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇس، ھەم ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت دەپ قارايدۇ» دېدى.

ئەردوغان بۇ دۇنيا مىقياسىدىكى بىرلىكنى قۇرۇشتا، توقۇنۇشلاردىن زىيان تارتقان خەلقنى، بولۇپمۇ غەززە، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ نامراتلىقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت مۇقىملىقى جەھەتتىكى ئىچكى ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم مەسىلە ھەققىدە توختالدى.

«نۆل ئەخلەت» سەپەرۋەرلىكى دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلانماقتا

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىلىرىدىن بىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئەنقەرە ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى بويىچە ھەر خىل تەشەببۇسلارغا پائال قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەر تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارايدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئوزۇق-تۈلۈك باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاچارچىلىق خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تۇراقلىق ئوزۇق-تۈلۈك سىستېمىسى ھەرىكەت پىلانىنىڭ، 2015-يىلى تۈركىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە تۈزۈلۈپ تەستىقلاشقا سۇنۇلغانلىقىنى، بۇ پىلاننىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا يول كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇش ۋە ئاسراش مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان ‹نۆل ئەخلەت› لايىھەمىز تېزلا دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلاندى. ب د ت 30-مارتنى خەلقئارالىق نۆل ئەخلەت كۈنى دەپ بېكىتتى.

مېنىڭچە دۇنيا ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى قاتارىغا ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش ۋە نۆل ئەخلەت سەپەرۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كىرگۈزۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ھەر بىر ئىنساننىڭ يېتەرلىك ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەككە ئېرىشەلەيدىغان بىر دۇنيا قۇرۇشتا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ