سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەدە جەڭ قىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياسالغان خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېچىلىشىدا رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنى دۆلەتكە بولغان تەۋرەنمەس ساداقەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. پيوڭياڭ بىلەن موسكۋا ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمىنى قايتا تەستىقلىدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېزىيەسى KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوۋ بىلەن خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاندرېي بېلوسوۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شىمالىي كورېيەدە، رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدا جەڭ قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

كىم جوڭئۇن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تولۇق قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

ئىككى دۆلەت 2024-يىلى ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، شىمالىي كورېيە كۇرسكتا رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 14 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە، ئۇكرائىنا ۋە غەرب دائىرىلىرى توقۇنۇشلاردا شىمالىي كورېيەنىڭ 6 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلەر چوڭقۇرلاشماقتا

كىم جوڭئۇن رۇسىيە دۆلەت مەجلىسى رەئىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان.

بۇ نىيەت رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يازغان خەتتە: «رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ» دەپ ئىپادىلەنگەن ئىدى.

كىم جوڭئۇن كۇرسك رايونىدا جەڭ قىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنى پىداكارلىق ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قەدەملەرنى تاشلىدى.

كىم جوڭئۇن يەكشەنبە كۈنى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئۆز قولى بىلەن يازغان ئۇچۇرىدا: «شېھىتلارنىڭ روھى، ئۇلار قوغدىغان بۈيۈك شەرەپ بىلەن ئەبەدىي ياشايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ياۋروپا ئۇكرائىناغا سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران رىيادنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ترامپتىن زېلېنسكىيغا تەنقىد: پۇتىن بىلەن كېلىشىش تېخىمۇ ئاسان
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟