خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپتا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۆيلىرىگە قايتماقتا
قوشنا دۆلەت ھىندىستاندىكى توسمىلارنىڭ تېشىپ كېتىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە قارا يامغۇر تۈپەيلىدىن پەنجاپتىكى 4500 دىن ئارتۇق يېزىنى سۇ بېسىپ كەتتى.
پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپتا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۆيلىرىگە قايتماقتا
/ AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ15-كۈنى

پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن، دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى بىلەن 2 مىليون 5 يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 100 گە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان فوتو سۈرەت ۋە ۋىدېيولاردا، ئىلگىرى زىرائەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان ئېتىزلارنى ھازىر قۇم ۋە لاي بېسىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئۆيلىرىگە قايتقان ئاھالىلەر، ھەم ئۆيلىرىنى قايتا ياساشقا، ھەم ئېتىزلىرىنى قايتا تېرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەنجاپ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىرفان ئەلى خاتيا، جېھلۇم، چېناب، راۋى، بىياس ۋە سۇتلەج دەريالىرى بىرلىشىپ ھىندى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان پانجىناد رايونىدا سۇ سەۋىيەسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بەزى رايونلاردا قۇتقۇرۇش ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاسۇر رايونىدىكى بىر يېزىدىن 46 ياشلىق نەگىس بىبى سۇتلەج دەرياسىنىڭ تېشىپ يېزىسىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئېرى، قىزى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«5-6 فۇت ئېگىزلىكتىكى سۇ ئىچىدىن بىخەتەر جايغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدۇق، ئەمما كەلكۈن شۇنداق تۇيۇقسىز كەلدىكى، يېنىمىزدا بىر يىڭنە چاغلىق نەرسە ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۆلگۈرەلمىدۇق. قايتىپ كەلگىنىمىزدە ھەممە نەرسە يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى.»

43 ياشلىق دېھقان مۇھەممەد سەججاد بولسا، چېناب دەرياسىدىن كەلگەن كەلكۈن سۈيىنىڭ مولتان ئەتراپىدا تەخمىنەن 6 فۇت ئازايغانلىقىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەنجاپ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پەنجاپتا 4500 دىن ئارتۇق يېزا قارا يامغۇر ۋە قوشنا دۆلەت ھىندىستاندىكى توسمىلارنىڭ تېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان  كەلكۈن سۈيىنىڭ ئاستىدا قالغان. راۋى ۋە چېناب دەريالىرىدىكى سۇ ئېقىمى نورمال ھالەتكە قايتقان بولسىمۇ، سۇتلەج دەرياسىدىكى سۇ سەۋىيەسى داۋاملىق ئازايماقتا ئىكەن.

ھىندىستان ئالدىنقى ھەپتىلەردە پاكىستانغا كەم دېگەندە ئالتە قېتىم كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشى بەرگەن بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلگەن سۇ پەنجاپتىكى دەريالارنى تاشقىنغا ئايلاندۇرۇپ، زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پاكىستان دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆيلىرىگەقايتقان ئاھالىلەرگە ھۆكۈمەت ياردىمى ئالالىشى ئۈچۈن ياكى يېزىلىرى يەنىلا بىخەتەر بولمىسا لاگېرلاردا تۇرۇشى ئۈچۈن يەرلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان توسمىلىرىدىن سۇنى تەدرىجىي قويۇپ بەرگەن بولسا كەلكۈن بۇنچە ئېغر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. كەلكۈن سۈيى پاكىستاننىڭ 2022-يىلدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان سىند ئۆلكىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1700 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

خاتيا پەنجاپنىڭ ھەربىي قىسىملارنىڭ قوللىشى بىلەن ئەڭ چوڭ قۇتقۇرۇش ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىدىن بىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، لياكەتپۇر ۋە جالالپۇر پىرۋالادىكى يىراق يېزىلاردىكى قالدۇرۇلۇپ قويۇلغان ئائىلىلەرگە ياردەم يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ناروۋال، ئوكارا، كاسۇر، باھاۋالپۇر ۋە باھاۋالناگاردىكى كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان دۆلەتتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 950 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستاننىڭ مولتان رايونىدىكى پۇر مۇھەممەد غوتتادا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان يېزا ئاھالىلىرى، 2025-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى قۇتقۇرۇش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - ھىندىستاننىڭ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى «بالىلارچە» دەپ باھالاندى

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئەلى لارىجانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىراق ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن كەركۈك-تۈركىيە تۇرۇبا يولىغا يۈزلەنمەكتە
نىگېرىيەدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە كىشى ئۆلۈپ، 100 كىشى يارىلاندى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ 7 دۆلەتتىكى 200 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىمى يارىلاندى
ئىران: ئامېرىكا تېررىتورىيەلىرىمىزگە ئەسكەر ئەۋەتسە، يەنە بىر ۋىيېتنامغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن
ترامپ: بىز ئىرانغا بەرىبىر ھۇجۇم قىلاتتۇق
ئافغانىستان: پاكىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە قىرىمدىكى «ئەمەلىي ۋەزىيەت» نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەزەربەيجاندا بىر فىرانسىيە پۇقراسى «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
ئامېرىكالىق ئوبزورچى سى ئاي ئى (CIA) نىڭ  ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق دېلوسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنا رۇسىيە نېفىت ئامبىرىغا چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
قازاقىستان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە: ئىرانغا قارشى ئۇرۇش كۈتۈلگەن سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەيۋاتىدۇ
ئاراقچى: ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى يېقىلغۇ ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»