سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خورگې رودرىگۇز (Jorge Rodriguez) يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن 86 مىڭ 794 ئائىلىنىڭ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە 6 مىڭ 462 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
ۋاقىتلىق پرېزىدېنت دېلسى رودرىگېز چەت ئەلدە توڭلىتىپ قويۇلغان مۈلۈكلەرنى دۆلەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خورگې رودرىگۇزنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېنېزۇئېلادىكى قوش يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 4118 گە يەتكەن، 16,740 كىشى يارىلانغان ۋە مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان.

ئۇ جۈمە (2026-يىلى 10-ئىيۇل) كۈنى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان يېڭى ئۇچۇرىدا، ئاپەتتىن كېيىن 86,794 ئائىلىنىڭ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 6462 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، 856 بىنا زىيانغا ئۇچرىغان ۋە 190 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ئاپەت داۋامىدا، 9766 توننا يېمەك-ئىچمەك ۋە 13.9 مىليون لىتىردىن ئارتۇق سۇ تارقىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 29,966 كىشى تېببىي جەھەتتىن داۋالانغان.

ئۇ يەنە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن 30 مىڭ 76 خادىم ۋە 29 مىڭ 843 پىدائىينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا 3 مىڭ 454 خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆي-ماكانسىز قالغان ئاھالىلەر ئۈچۈن جەمئىي 89 ۋاقىتلىق لاگېر قۇرۇلدى. دائىرىلەر تۇنجى يەر تەۋرەشتىن بۇيان جەمئىي 1171 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەشنى تىزىمغا ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Venezuela earthquake death toll rises to 3,535 as recovery efforts continue

كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق

24-ئىيۇن (2026) كۈنى، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ۋېنېزۇئېلادا 39 سېكۇنت ئارىلىق بىلەن 7.2 ۋە 7.5 باللىق ئىككى قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

يەر تەۋرەش كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلدى. ئاپەتنىڭ ئېغىرلىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چارشەنبە (8-ئىيۇل) كۈنى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن تەخمىنەن 300 مىليون دوللار جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق پىرىزېدېنتى دېلسى رودرىگۇز (Delcy Rodriguez) چەت ئەللەردە توڭلىتىپ قويۇلغان مۈلۈكلەرنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيەنىڭ جازاسى سەۋەبىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان تەخمىنەن 30 توننا ۋېنېزۇئېلا ئالتۇنىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە پادىشاھ چارلىز III دىن تەلەپتە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ