سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تەختىراۋانچى: ئامېرىكا جازالارنى بىكار قىلسا، ئىران يادرو سۆھبەتلىرىدە يول قويۇشقا تەييار
ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات ئۆتكەن يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولغان مۇھىم بىر مەسىلە — يەنى ئۇران بېيىتىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان تېھراننىڭ مەۋقەسىنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلدى.
تەختىراۋانچى: ئامېرىكا جازالارنى بىكار قىلسا، ئىران يادرو سۆھبەتلىرىدە يول قويۇشقا تەييار
2025-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلىنغان بۇ رەسىمدە ئامېرىكا ۋە ئىران بايراقلىرى كۆرۈلىدۇ. / Reuters Archive

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەجىد تەختىراۋانچى ۋاشىنگتون جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قىزىقسا، ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بەزى يول قويۇشلارنى ئويلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. «BBC»دا يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر زىيارەتتە، تەختىراۋانچى تېھران بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئاي ئوماندا قايتا سۆھبەت باشلىشىدىن كېيىن، جەنۋەدە سەيشەنبە كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ: «تۇنجى سۆھبەتلەر ئاساسەن ئىجابىي يۆنىلىشتە ماڭدى، ئەمما ھۆكۈم چىقىرىشقا تېخى بالدۇر» دېدى.

ئىران ئۆز يادرو پىلانىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىلەرنى جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى بەدىلىگە مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ مەسىلىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق باشقا تېمىلارغا باغلاشنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان ئىدى. بىر مەنبەنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىلىرى ستېۋ ۋىتكوپ (Steve Witkoff) ۋە جارېد كۇشنېر (Jared Kushner) مۇ ئورۇن ئالغان بىر ھەيئەت سەيشەنبە ئەتىگەن ئىرانلىقلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن؛ ئامېرىكا-ئىران ئالاقىسىگە ئومان ۋەكىللىرى ۋاسىتىچىلىك قىلىدىكەن.

ئىراننىڭ ئېلاستىكىلىقى

تەختىراۋانچى دۈشەنبە كۈنى، ئەگەر بارلىق مالىيە جازالىرى بىكار قىلىنسا، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى سۇيۇلدۇرۇشقا قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «BBC» زىيارىتىدە بۇ مىسالنى ئىراننىڭ ئېلاستىكىلىقىنى (ئەۋرىشىملىكىنى) تەكىتلەش ئۈچۈن قوللاندى. يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات تېھراننىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەۋقەسىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى؛ بۇ، ئۆتكەن يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى ئىدى، چۈنكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇش پائالىيىتىگە يادرو قوراللىرىغا قاراپ مېڭىش دەپ قارايتتى.

ئىران بولسا، بۇ خىل يادرو قوراللىرىنى ياساشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ترامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۇنجى مەزگىلىدە، سابىق دېموكرات پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى دەپ قارالغان 2015-يىلدىكى «ئورتاق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت پىلانى» (OKEP) يادرو كېلىشىمىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان ئىدى. مەزكۇر كېلىشىم، تېھراننىڭ يادرو پىلانىنى ئاتوم بومبىسى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشىنى توسىدىغان شەكىلدە چەكلىشى بەدىلىگە، ئىرانغا قويۇلغان بەزى جازالارنى يېنىكلىتىشنى مەزمۇن قىلاتتى.

ئىزدىنىڭ
TRT World مۇنبىرى باشلاندى: ئىستانبۇلدا يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
ئامېرىكا كۇبا ئارمىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تورىغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ