سۈرىيە ئارمىيەسى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبتە ئاممىۋى رايونلارنى  ھۇجۇم نىشانى قىلغان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

By
سۈرىيە ئارمىيەسى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى / AA

سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب ئەتراپىدىكى ئەين ئەلئەرەب شەھىرىگە يېقىن جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق دۈشەنبە كۈنى كەچ تەرەپلەردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) مىنىستىرلىقنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ: «سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىسى بولغان س د گ  گە تەۋە بىرنەچچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى» تەرىقىسىدىكى باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى «ھەلەب ئەتراپىدىكى ئەين ئەلئەرەب ئەتراپىدىكى يوللارنى ۋە ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆيلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش» مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن.

بۇ ۋەقە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى يەنە 15 كۈن ئۇزارتىلغان بولۇشىغا قارىماي يۈز بەردى. سۈرىيە ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنىمۇ ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەين ئەلئەرەب رايونى ئەتراپىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسى قارارگاھلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.