سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستاندكى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ھېس قىلىندى
ھىندىقۇش رايونىدا 5.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئافغانىستاننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە قوشنا دۆلەت پاكىستاندا ھېس قىلىندى.
ئافغانىستاندكى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ھېس قىلىندى
مارمۇل رايونىدا ئۆتكەن يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىقلىرى ئارىسىدا، كىشىلەر تۇرماقتا. (رويتېرس، ئارخىپ) / Reuters

ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بىر ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، بىر ئادەم يوقاپ كەتتى.

ئافغانىستان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۈمە (2026-يىلى 3-ئاپرېل) كۈنى يەر تەۋرەشتە كابۇل ئۆلكىسىنىڭ باغرامى رايونىدا بىر ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

گېرمانىيە يەر تەتقىقات مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ گىرىنۋىچ ۋاقتى 16:12 دە، يەردىن 181 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يەر تەۋرەش دەسلەپتە 5.9 بال دەپ ئۆلچەنگەن، كېيىنچە 5.8 بالغا چۈشۈرۈلگەن.

ئۇبەيدۇللاھ باھىر ئىسىملىك بىر يەرلىك كىشىنىڭ ئېكس (X) تە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىنغان.

يەر تەۋرەش يەنە پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد، غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختۇنخۇا ئۆلكىسى ۋە گىلگىت-بالتىستان ۋە  ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىر رايونىدىمۇ ھېس قىلىنغان.

پاكىستان مېتېرولوگىيە ئىدارىسى دەسلەپتە يەر تەۋرەشنى 6.1 بال دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى (2025) ئاۋغۇستتا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2200 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، 4000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

نويابىر ئېيى (2025) دا يۈز بەرگەن 6.3 بال يەنە بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، 1000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hundreds of children bear brunt of Afghan earthquake as parents die
ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ