ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ئىككى رەھبەر تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت» ئېڭى ئاساسىدا ھەمكارلىقنى ھەر ساھەدە راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ھەردائىم ئەزەربەيجان بىلەن ھەمنەپەس بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.