خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بلىنكېن بۈگۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ.
بلىنكېن بۈگۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
US Secretary of State Antony Blinken delivers remarks at the Freedom Online Coalition Ministerial Event on "AI for Humanity: Charting the Global Course for Human Rights-Based Governance" in New York City on September 23, 2024. (Photo by Bryan R. SMITH / AFP) / TRT Global

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتونى بلىنكېن ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدىكەن.

باياناتتا، بىلىنكېننىڭ كۈنتەرتىپىنى يەكشەنبە كۈنى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن باشلانغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ خىزمەتلىرى ھەمدە ئۇدا 14 ئايدىن بۇيانقى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە دائىر تېمىلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىر بىلىنكېن ناتونىڭ قىممەتلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەدە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتىن رايوننىڭ مۇقىملىقىغىچە بولغان ئورتاق مۇھىم مەسىلىلەر دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

بىلىنكېن تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيە زىيارەتلىرىدە <ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغان ۋە خەلققە ۋەكىللىك قىلالايدىغان شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرىنى قوللاش> پوزىتسىيەسىنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە، بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچتا ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ قوشنىلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا رايوندىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

بلىنكېننىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈن تەرتىپى، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى ۋە بۇ دائىرىدە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش بولىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى