تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ ۋە بىگۇناھ بالىلارنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن  قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى / Anadolu Agency
2026-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبىدىن چىن دىلىدىن قايغۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىش مەقسىتىدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «قوشنىلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىران خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئورتاقلىشىمىز. ھەر بىر ئۇرۇشتا بولغىنىدەك، بۇ يەردىمۇ توقۇنۇشلارنىڭ بارلىق ئېغىر يۈكىنى پۇقرالارنىڭ ۋە ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان بىگۇناھ سەبىيلەرنىڭ تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تاكى ئۇرۇش توختىتىلغانغا ۋە رايوندا مۇقىملىق قايتا ئورنىتىلغانغا قەدەر، ھەر جەھەتتىن دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا شەنبە كۈنىدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز مۇرەسسە تەرەپدارىمىز. قان ئاقمىسۇن، كۆز ياشلىرى توختىسۇن، رايونىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەشنا بولۇۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئاخىر ئېرىشسۇن دەپ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز ھەم شۇنداق بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى نىشانىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دىيالوگ ئىشىكىنى ئېچىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر زۆرۈر تېپىلغاندا ئارىلىشىش بولمىسا، توقۇنۇش مۇساپىسىنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىك جەھەتتىن ئېغىر ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ. بۇنداق بىر جەريان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي ۋە گېئوسىياسىي ئېنىقسىزلىقلارغا ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ ئوتنى تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەي تۇرۇپ ئۆچۈرۈش كېرەك.»

ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى

ئەردوغان يەنە ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان رۇتتېغا تۈركىيەنىڭ «رايوندىكى توقۇنۇش جەريانىنى سەزگۈر شەكىلدە تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى» ۋە «ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم سىجىل تىنچلىق ئۈچۈن دىپلوماتىيەگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى» يەتكۈزگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «تۈركىيەنىڭ بۇ باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىپ شەكىلدە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى» ئىپادىلىگەن.

رۇتتې بولسا ناتونىڭ «ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا 360 گىرادۇسلۇق نۇقتىئىينەزەر بىلەن تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ھۇجۇمدىن كېيىن دىنىي رەھبەر ئەلى خامىنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئىرانلىق ئەمەلدارلار ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تېھران بولسا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى، بۇ ھۇجۇملار نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەزىلىرى بولسا ئېغىر يارىلاندى.

ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى شەنبە كۈنىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 555 كە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟