ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە ۋانسنى تاللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
رايونلۇق مەنبەلەر CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانسنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ مايىل دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران ترامپ ھاكىمىيىتىدىكى باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رايونلۇق ئىككى مەنبەگە ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىرانلىق ۋەكىللەرنىڭ ئىلگىرىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن نەتىجىلىنىشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىشەنچ كىرىزىسى» سەۋەبلىك، مەخسۇس ۋەكىل ستېۋ ۋىتكوف ياكى جېرەد كۇشنېر بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەنبەلەر ۋانسنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ مايىل دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، بىر مەنبە ۋانسنىڭ «توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ئىرادىسى قەتئىي دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىككىنچى مەنبە بولسا: «ھايئەت كىمنى ئەۋەتىشنى قارار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرانلىقلار شۇ كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ بىر تاللىشى يوق دېگەنلىك ئەمەس» دېدى.
دوكلاتتا، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئىسلامئابادتا ئۇچرىشىشنىڭ يەنىلا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما مەنبەلەرنىڭ بۇنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا گۇمان بىلەن قارىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ھازىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ۋانس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ۋىتكوف ۋە كۇشنېرلارنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا پاكىستان ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ھەمدە تېھراننىڭ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرى بىلەن بىرگە، ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز بىخەتەرلىكىگە ئائىت قەدەملەرنى خۇلاسىلىگەن 15 ماددىلىق بىر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران دائىرىلىرى بىر قىسىم «دوست دۆلەتلەر» دىن ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپى يەتكۈزۈلگەن سىگناللارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما ۋاشىنگتون بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە 1340 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىران بۇ ھۇجۇملارغا ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنى قوبۇل قىلغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى؛ بۇ ھۇجۇملار جانغا زامىن بولۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.