سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ جەنۇبىي كورېيەلىك ئىشچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكانىڭ «ھىيۇنداي-ئەل جى» باتارېيە زاۋۇتىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئەسناسىدا 300 گە يېقىن كىشى قانۇنسىز ئىشچى دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىندى.
ترامپ جەنۇبىي كورېيەلىك ئىشچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى
/ Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبتىكى جورجىيا ئىشتاتىدا قۇرۇلۇۋاتقان بىر «ھىيۇنداي-ئەل جى» (Hyundai-LG) باتارېيە زاۋۇتىدا 300 گە يېقىن جەنۇبىي كورېيەلىك ئىشچى قانۇنسىز ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئامېرىكا قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بۇ قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ترامپنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى كۆچمەنلەرگە قارشى پائالىيىتى دائىرىسىدە بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلگەن كۆلىمى ئەڭ زور نىشانلىق ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىرېزىدېنت ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «دۆلىتىمىزنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىڭلار. مەبلىغىڭلارنى قارشى ئالىمىز ھەمدە سىلەرنى ئەقىللىك كىشىلىرىڭلارنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئېلىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرىمىز... بۇنىڭ بەدىلىگە بىز تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، ئامېرىكالىق ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلىشىڭلاردۇر»  دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشكە ئائىت كۆرۈنۈشلەردە، قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ئىشچىلارنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىرىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

 LG Energy Solution شىركىتى 47 نەپەر خىزمەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلاردىن 46 نەپىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەلىك، بىر نەپىرىنىڭ ھىندونېزىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىركەت يەنە قولغا ئېلىنغانلاردىن تەخمىنەن 250 كىشىنىڭ قوشۇمچە ھۆددىگەر شىركەت تەرىپىدىن ئىشقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەنۇبىي كورېيەلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكادا بىردىن ئارتۇق زاۋۇتى بار مۇھىم بىر ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭ شىركەتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ۋە ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە، ئامېرىكادا زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالغان ئىدى.

پىرېزىدېنت لى جائېميوڭ ئۆتكەن ئايدىكى زىيارىتى جەريانىدا ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، سېئۇل ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكاغا 350 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپ بىر تەرەپتىن مىليونلارچە قانۇنسىز كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا رەھبىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنى قانۇنغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ئىشچىلار سېپىدىكى كەسپىي ماھارەتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغاندەك قىلىدۇ.

كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان ترامپ: «كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا باشقۇرۇش ئىدارىسى توغرا ئىش قىلدى، چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە قانۇنسىز تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپ: «قوشۇمچە خادىم ئەكېلىپ، خەلقىمىزنى تەربىيەلەپ، بۇ ئىشلارنى ئۆز خەلقىمىزنىڭ قىلالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر چارە تېپىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سېئۇل يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، نازارەتكە ئېلىنغان ئىشچىلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى كىم كىسۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە جورجىيا ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «ھازىرقى جىددىي ۋەزىپىمىز ‹LG Energy Solution› شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ، ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلىرىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ تېزدىن قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر» دېدى.

«ھىيۇنداي» شىركىتى بولسا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز خىزمەتچىسى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى