خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى، قولتۇق دۆلەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
تېھران قولتۇق دۆلەتلىرىنى، ئەگەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، رايوندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئىران ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى، قولتۇق دۆلەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
ئىران ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى، قولتۇق دۆلەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى / Reuters

ئىران قولتۇق دۆلەتلىرىنى ئۆز زېمىنىنى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە يول قويماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە مۇشۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرسە، رايون نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC) ئالەم قاتنىشى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى سەييىد مەجىد مۇساۋى: «ئەگەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىرانغا قارشى ئىشلىتىلسە، ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن خوشلىشىشى كېرەك» دېدى.

بۇ باياناتلار تېھران تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىرانغا تەۋە يۈك پاراخوتى «Touska» نى تۇتۇپ قېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان پەيتتە ئېلان قىلىندى. تېھران بۇ ھەرىكەتنى «دېڭىز قاراقچىلىقى» ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە «ماددىي جەھەتتىن خىلاپلىق قىلىش» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئىراننىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ئەمىر سەئىد ئىراۋانىمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى پاراخوتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىپ، بۇ قىلمىشنىڭ «ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە خەتەرگە ئىتتىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ترامپ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تېھرانغا «بىرلەشمە تەكلىپ» تەييارلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىش مەقسىتىدە ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتتى.

لېكىن ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

يەكشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغان «Touska» پاراخوتىغا كەلسەك، ترامپ: «دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتى ئۇلارنىڭ موتور ئۆيىدە تۆشۈك ئېچىپ، ئۇلارنى تۇرغان جايىدا توختاتتى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئورتاق ئۇرۇش باشلىشىدىن بۇيان دۈشمەنلىك ئەۋج ئالدى ۋە بۇ ئەھۋال تېھراننىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە تەۋە مۈلۈكلەرگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پاكىستان دەسلەپكى ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ۋاستىچىلىق قىلغاندىن كېيىن، 11-ئاپرېلدا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - White House official says Vance's planned Pakistan trip called off for now
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى