سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە سۈرىيەلىكلەر ترامپنىڭ «ئىمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارى»نى قىزغىن قارشى ئالدى
سۈرىيە ترامپنىڭ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارىغا «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ باھا بەردى، دەمەشىقتە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە سۈرىيەلىكلەر ترامپنىڭ «ئىمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارى»نى قىزغىن قارشى ئالدى
سۈرىيەلىكلەر ترامپنىڭ «تىنچلىق ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىدىغانلىقى»نى جاكارلىشىدىن كېيىن، دەمەشىقتىكى ئۇمەۋى مەيدانىغا يىغىلىپ، خۇشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. 2025-يىل 13-ماي. / AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ14-كۈنى

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن «ئۆزئارا ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئاساسلانغان» بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ «ناھايىتى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسەد ھەسەن شەيبانى سەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (سانا) غا بەرگەن باياناتىدا: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارىتا سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىغا دائىر يېقىنقى بايانلىرىنى قارشى ئالىمىز» دېدى.

ئۇ بۇنى «ئۇزۇن يىللىق ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشتىن كېيىن، مۇقىملىق، ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ۋە ھەقىقىي قايتا قۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ «بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئىنتايىن ئىجابىي قارشى ئالىمىز ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئاساسلانغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شەيبانى ترامپنىڭ «تارىخىي بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدىكى ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى»نى ھەمدە «سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قىزىل سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگە ۋە قىرغىنچىلىق قىلىشىغا يول قويغان ئىلگىرىكىلەردىن [ئالدىنقى پىرېزىدېنتلاردىن] كۆپرەك ئىش قىلغانلىقى»نى ئېيتتى.

ترامپ بۇنىڭىدن ئىلگىرى رىيادتا بايانات بېرىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا رايون رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قارىتىلغان «رەھىمسىز ۋە ئېغىر» ئېمبارگولىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ: «سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى تەخت ۋارىسى شاھزادە بىلەن، سىلەرنىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادەڭلار بىلەن ۋە ئۆتكەن كۈنى ماڭا تېلېفون قىلىپ ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە مەن ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان باشقا دوستلىرىم بىلەن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىمەن» دېگەنىدى.

«پۇرسەت بېرىش»

ترامپ رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق سەئۇدى-ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن «رەھىمسىز ۋە ئېغىر» ئېمبارگولىرىنىڭ بىكار قىلىنىپ، بۇ دۆلەتكە «بىر پۇرسەت» بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ بۇ سۆزى پايتەخت دەمەشىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە سۈرىيەلىكلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولدى.

بۇ ئارىدا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ)، ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىدىن بىر كۈن بۇرۇن، سەيشەنبە كۈنى رىيادقا يېتىپ كەلدى.

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ترامپ، رىم پاپاسى فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن ئىتالىيەگە قىلغان قىسقا زىيارىتىدىن باشقا، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ خەلقئارالىق زىيارىتى بولغان قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پارس قولتۇقى ساياھىتىنى باشلىدى.

سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى، رايون ۋە خەلقئارانى دۆلەتنىڭ ئاغدۇرۇلغان رەھبىرى بەششار ئەسەدنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرماقتا.

ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ھازىرقى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گەرچە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى مەلۇم ساھەلەرگە قارىتىلغان بەزى ئېمبارگولارنى يېنىكلەتكەن بولسىمۇ، بۇ 2011-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك كەينىگە قەدەم تاشلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرىيەنى تەخمىنەن 25 يىل باشقۇرغان ئەسەدنىڭ دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كېتىشى بىلەن، بەئس پارتىيەسىنىڭ 1963-يىلى باشلىنىپ، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار