تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيەدە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى تەسلىم بولدى.
00:00
سۈرىيەدە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
سۈرىيەدە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى / TRT Uyghur

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ دە ئاتالمىش كاتتىباش بولغان بىر تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ پ ي د/ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىنىش جەريانىمۇ تېزلەشتى.

بۇ دائىرىدە تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 2018-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلغان، 2019-يىلى سۈرىيەگە ئۆتۈپ قامىشلى، ھەسەكە ۋە ئەينۇلئەرەب رايونلىرىدا ئاتالمىش كاتتىباش سەۋىيەسىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان تېررورچى م.ئا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىپ، چېگرا ئېغىزىدا تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

بۇ تېررورچىنىڭ ھەسەكە ۋە قامىشلى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى، 2021-يىلى ئەينۇلئەرەب رايونىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە بۇ رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلەتكەن تونېل ۋە پاناھ جايلاردا پ ي د/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنى تەربىيەلىگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى