ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيە غەززەدە نۇرغۇن رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھ، خان يۇنۇس، جەبالىيە ۋە غەززە شەھىرى مىقياسىدا يېڭى ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە توپ ھۇجۇملىرىنى باشلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇم دولقۇنى قوزغاپ، 10 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان سەزگۈر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلدى.
شاھىتلارنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر تولۇق ھەربىي كونتروللۇق ئاستىدىكى «سېرىق رايون» غا جايلاشقان ئىكەن.
شاھىتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىدىن شىمالىي رەفاھ تەرەپكە خالىغانچە ئوق چىقىرىلغان.
ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى تىك ئۇچارلارنىڭ ئوق ياغدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي خان يۇنۇستىكى بىرنەچچە نۇقتىنى بومباردىمان قىلغان.
غەززەنىڭ شىمالىدىكى شەرقىي جەبالىيەمۇ ئىسرائىلىيە تىك ئۇچارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمى بولسا ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلغان.
توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار
يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، غەززەنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى ۋە توپقا تۇتتى.
ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى خان يۇنۇستا ئىككى بېلىقچىنى قولغا ئېلىپ، كېمىلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرنىڭ شەرقىي قىسىملىرى، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى «سېرىق رايون» مۇ بومباردىمان قىلىندى ۋە توپقا تۇتۇلدى.
شاھىتلار ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالدىكى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونلىرىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 – ئۆكتەبىردىن بۇيان رايوندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 390 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1060 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 70 مىڭ 700 كىشىنى ئۆلتۈردى، 171 مىڭ 100 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى. بۇ ھۇجۇملار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى.