ئامېرىكا پايتەختىدە كەم دېگەندە 23 ئادەم قولغا ئېلىندى
ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىتت (Karoline Leavitt) ترامپنىڭ كېلەر ئايغىچە پايتەختتىكى ھەر بىر جىنايەتچىنى قوغلاپ تۇتۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، كولۇمبىيە رايونى جىنايەت نىسبىتى پۈتكۈل دۆلەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ بىرى. سۈرەت:ئا پ. / AP
ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا پايتەختىدىكى ساقچىلارنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تەركىبىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، جەمئىي 23 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
باياناتچى كارولىن لېۋىتت سەيشەنبە كۈنى (12-ئاۋغۇست) ئېيتىشىچە، قولغا ئېلىش ئادەم ئۆلتۈرۈش، زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى، يول ھەققىدىن قېچىش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ يەنە ئالتە دانە قانۇنسىز تاپانچىنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «بۇ پەقەت بىر باشلىنىش. كېلەركى بىر ئاي ئىچىدە، ترامپ ھۆكۈمىتى رايوندىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان ئامېرىكالىقلارغا خەۋپ يەتكۈزگەن ھەر بىر زوراۋان جىنايەتچىنى قەتئىي قوغلاپ تۇتۇپ قولغا ئالىدۇ» دېدى.
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ مۇدىرى كاش پاتېل (Kash Patel) مۇ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنى دەلىللەپ، بۇنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ X بېتىدە: «بىز ئەمدىلا باشلىدۇق. فېدېراتسىيە ھەمكارلاشقۇچىلىرى يەرلىك ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ، جەمئىي 23 ئادەمنى قولغا ئالدى. ياخشى ساقچىلارنىڭ ساقچىلىق قىلىشىغا يول قويغاندا، ئۇلار كوچىلىرىمىزنى تېزلىكتە تازىلىيالايدۇ» دېدى.
بۇ قولغا ئېلىش سانىنىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى فېدېراتسىيە كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئادەتتىكى بىر كېچىدىكى سان بىلەن قانداق سېلىشتۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما لېۋىتت دۈشەنبە كۈنى كەچتە تەخمىنەن 850 ساقچى ۋە فېدېراتسىيە خادىمىنىڭ ۋاشىنگتون كوچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
»ئازادلىق كۈنى«
ترامپ يەنە دۆلەتلىك مۇھاپىزەت ئەترىتىنى شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەن، ئەمما دۈشەنبە كۈنى (11-ئاۋغۇست) دىكى ئېلاندىن كېيىن، قوشۇنلارنىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
ترامپ دۈشەنبە كۈنى: «بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى ئازادلىق كۈنى، بىز پايتەختىمىزنى قايتۇرۇۋالىمىز. بىز ئۇنى قايتۇرۇۋالىمىز. مەن ۋاشىنگتوندا قانۇن-تەرتىپ ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى قايتا تىكلەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتلىك مۇھاپىزەت ئەترىتىنى ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.
ترامپ ئامېرىكا پايتەختىگە 800 نەپەر دۆلەتلىك مۇھاپىزەت ئەترىتى ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئەگەر كېرەك بولسا، ھەربىي كۈچنىمۇ ئىشقا سالىمىز» دەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشتىن سىگنال بەردى.
ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە قارىغاندا، ۋاشىنگتون پۈتكۈل مەملىكەتتىكى جىنايەت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
پايتەخت ۋاشىنگتونغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى ۋە بىنالىرى جايلاشقان جاي بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە ئاقساراي، كاپىتول (پارلامېنت)، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە باشقىلارمۇ كىرىدۇ.