ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: خىتاي ئامېرىكاغا ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلايدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ۋە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېلەر ھەپتە لوندوندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: خىتاي ئامېرىكاغا ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلايدۇ
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرى ۋە ماگنىتلارنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلاشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانى «Air Force One» دا بىر مۇخبىرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىشقا قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: «ھەئە، قوشۇلدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ يەنە: «بىز خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىمدە ئىنتايىن ئىلگىرىلىگەن بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئاپتوموبىل تەمىنلىگۈچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا 4-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرى، مىنېراللار ۋە ماگنىت ئېكسپورتىنى چەكلىشىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قىسقا ۋاقىت ئاقسىتىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US auto suppliers urge action over China rare earths restrictions; Beijing rejects allegations

لوندون يىغىنى

ترامپ ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك سودا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە لوندوندا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا: «مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت، سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى باش ئەلچى جەمىيسون گرېرنىڭ 2025-يىلى 9-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى لوندوندا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن سودا كېلىشىمى ھەققىدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن. يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە» دەپ يازدى.

بۇ بايانات ترامپنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، بۇ ئالاقىنىڭ «ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابىي نەتىجىلەنگەنلىكىنى» ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك سودا كېلىشەلمەسلىكىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى، دۇنيادىكى بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە 12-ماي تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىنلا توختاپ قېلىش گىرۋىكىگە بېرىپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە، كۆپ قىسىم تاموژنا بېجىنى 90 كۈنلۈك توختىتىپ تۇرۇشنى ۋە ئاپرېلنىڭ بېشىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى بىكار قىلىشنى قوبۇل قىلغان.

بۇ جەرياندا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كېلىشىم شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ترامپ خىتاينىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بېيجىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى