تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىشقا قارىتىلغان ئۇرۇنۇشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «تارىخىي» بىر خاتالىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى» / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ8-كۈنى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلغان فىدان: «ھۆرمەتلىك پېزېشكىياننىڭ <ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغىچە ھۇجۇم قىلمايمىز. ھۇجۇم قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز> دېگەن باياناتى بىزنىڭمۇ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سۆزىمىزدۇر» دېدى. فىدان يەنە: «ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

فىدان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئىراننىڭ تۈركىيە زېمىنىغا قارىتا ھەرقانداق بومبا ئېتىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە تېھراننى ئاگاھلاندۇردى. بۇ بايانات، ئىران تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە تۈركىيەگە يۈزلەنەەن بىر باللىستىك بومبىنى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ناتو توسۇپ قالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز كۈشكۈرتۈشلەرگە ئاسانلا كىرىپ قالىدىغان دۆلەت ئەمەسمىز» دېدى. فىدان يەنە: «ئىرانلىق دوستلىرىمىز بىلەن سۆزلەشتۇق ۋە ئەگەر بۇ يولىدىن ئادىشىپ قالغان بىر بومبا بولسا، بۇ باشقا گەپ. ئەمما بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدىغان بولسا، تەۋسىيەمىز شۇ: ئېھتىيات قىلىڭلار؛ ئىراندا ھېچكىمنىڭ بۇنداق بىر خەتەرلىك ئىشقا كىرىشىپ قېلىشىغا يول قوۇماڭلار» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

فىدان يەنە ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىران ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇنىڭ «تارىخىي بىر خاتالىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئىراندا ئېتنىك ياكى مەزھەپ جەھەتتىكى بۆلۈنۈش لىنىيەلىرىنى نىشانلاپ، ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق سېنارىيەلەرگە قارشىمىز. بۇ ئەڭ خەتەرلىك سېنارىيەدۇر» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»