سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كەشمىر ھۇجۇمىغا مەسئۇل دەپ قارالغان گۇرۇپپىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلدى
ئاپرېل ئېيىدىكى كەشمىر ھۇجۇمى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاشقا سەۋەبچى بولغان ئىدى.
ئامېرىكا كەشمىر ھۇجۇمىغا مەسئۇل دەپ قارالغان گۇرۇپپىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلدى
/ Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاپرېل ئېيىدا ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بېرىپ، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھىندىستان-پاكىستان توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان بىر مەخپىي گۇرۇپپىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، «قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتى»نى، ب د ت تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىنغان «لەشكىرى تەييىبە»نىڭ «ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاستىچىسى» دەپ ئاتىدى.

رۇبىئو باياناتىدا، بۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئېلانىنىڭ، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە پاھالگام ھۇجۇمىدا ئادالەتنى ياقلاش ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

ئاپرېل ئېيىدا پاھالگامدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، ھەممىسى دېگۈدەك ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان 26 پۇقرا قوراللىق ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

كۈچلۈك ئېتىراپنامە

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جاكىشانكار، X  ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ قارارىغا «ھىندىستان-ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراپنامىسى» دەپ يۇقىرى باھا بەردى.

دەسلەپتە پاھالگام ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتى» ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ ئۇچۇرلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

بىراق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ گۇرۇپپا ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن يېنىۋالدى.

پاھالگامدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، 1999-يىلىدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن 70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تۆت كۈنلۈك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

توقۇنۇش جەريانىدا، پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىدە «رافال» (Rafale) تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ھىندىستان ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

كەشمىر مەسىلىسى

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى قوراللىق ئۆكتىچىلەر، 1989-يىلىدىن بۇيان يېڭى دېھلى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان كەشمىرلىكلەر، بۇ رايوننىڭ يا پاكىستانغا قوشۇلۇشىنى ياكى مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.

ھىندىستان، كەشمىردىكى قوراللىق قارشىلىقنى «پاكىستاننىڭ ھىمايىسىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىدىغان پاكىستان ۋە نۇرغۇنلىغان كەشمىرلىكلەر بولسا، بۇ كۈرەشنى «قانۇنلۇق ئازادلىق ئۇرۇشى» دەپ قارايدۇ. توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە ئونمىڭلىغان پۇقرا، قوراللىق ئۆكتىچى ۋە ھۆكۈمەت ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستان بولسا، رايوندىكى كەشمىر خەلقىنىڭ ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇشى تەلىپىنى «پەقەت سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىنلا قوللايدىغانلىقى»نى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا