غەززە ئۇرۇشى
4 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فىدان: غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
فىدان: غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك / Reuters Archive
2025-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش، ئىنسانىي ياردەمنىڭ غەززەگە كىرىشى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بەلگىلىك لىنىيەلەرگە چېكىنىشى قاتارلىق بەزى ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر فىدان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قايتىدىن ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىماللىقىغا قارشى سەگەك ھالەتتە تۇرماقتا.»

فىدان ياۋروپا، ئەرەب دۇنياسى ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلەردىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ غەززەدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان پارىژدىكى يىغىندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات ئېلان قىلدى.

فىدان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇمان يوق. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، زور خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى، ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردۇق.»

فىدان خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ بۇ ئىشقا قاتناشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئاممىۋى تەشكىلاتلار،  دۆلەت ئورگانلىرى... ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلدۇق. بۈگۈن بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۈمىد بار.»

بۇ باسقۇچتىن باشلاپ ئالدىلىرىدا بىرنەچچە مۇھىم نۇقتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، ھازىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان مەسىلىنىڭ تۆت نىشاندىن بىرىنچى باسقۇچلۇق يولغا قويۇش پىلانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇش توختىتىش، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل، تېزرەك باشلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بەلگىلىك چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىشى. بۇلار ھازىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بىرىنچى باسقۇچلۇق يولغا قويۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى. بۇلارنىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك. كېلىشىم تېكىستىدە ئورۇن ئالغان ئالاقىدار ماددىغا ئاساسەن، تۈركىيەمۇ بۇ يولغا قويۇش پىلانىغا قاتنىشىدۇ.»

 «مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى»

 

بۈگۈنكى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن فىدان، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەنسەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ھەممىمىز بىرلىكتە تۈنۈگۈنكى كېلىشىمنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ قانداق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ غەززەنىڭ ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ۋە قايتا قۇرۇش جەھەتتىن قانداق ئوڭشىلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ياۋروپالىقلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ بۇ جەرياندا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ئۈستىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتۇق. بۈگۈن ھەقىقەتەن مۇھىم قارارلارغا ئاساس بولىدىغان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ياۋروپالىق مىنىستىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پايتەختلىرى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىگە بىزنىڭ ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزنى يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

فىدان مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ بۇنى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل دەپ قوبۇل قىلىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇنداق دېدۇق: ئەگەر غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە يولغا قويۇلىدىغان پىلانلار غەززەنى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن ئىلگىرىكى شارائىتقا قايتۇرۇپ ئاپىرىدىكەن، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە يەنە بىر ئۇرۇشقا دۇچ كېلىمىز دېگەن گەپ. چۈنكى 7-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن غەززە گويا دالا تۈرمىسىگە ئوخشاپ قالدى.»

فىدان غەززەنىڭ ئەركىن سودا ياكى ئىقتىساد بولمىغان، ھەممە نەرسە ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ۋە چەكلىمىسىگە بويسۇنىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 تىنچلىق مەسىلىسىدە نېتانياھۇ ئىشەنچسىز ئادەم

 

فىدان ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى ھازىر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بىر يەرگە جەم بولساق، چوقۇم بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز. ئەسلىدە بەزى ئىشلار بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئەمەس؛ تېخىمۇ كۆپ ئىرادە، تىرىشچانلىق، كەسپىيلىك ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشقا ئېھتىياج بار. بۇنى چۈشىنىپ يېتىشمۇ ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مەن پەقەت پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى رايوندىكى باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يېڭى روھنىڭ ناھايىتى زور رول ئوينايدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن فىدان، بۇنىڭ زور بىر ئۈمىد مەيدانى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«لېكىن ھەر دائىم مەسىلە چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ھازىرغىچە نېتانياھۇنىڭ تارىخى ھەممىگە ئايان؛ ئۇنىڭ تىنچلىق مەسىلىسىدە قانچىلىك ئىشەنچسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇنىڭغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر سەگەك ھالەتتە تۇرماقتا. گۆرۈگە ئېلىنغانلار مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تالاش-تارتىشمۇ قالمايدۇ. كېلىشىمنى يولغا قويۇشتا مەسىلە چىقىشى مۇمكىن؛ بۇمۇ مەسىلىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىدۇر. لېكىن بۇلار بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك. كەسپىي جەھەتتىن ۋە ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ
تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى
ترامپ: ھاماس 13 – ئۆكتەبىردە «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ
شەرمۇل شەيختىكى غەززە سۆھبىتىدە ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرمەكتە
ترامپ، ھاماس ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ غەززە تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن كنېسسېتتا (ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا) نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىن
ھاماس 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇس بەدىلىگە 20 ئەسىرنى قويۇپ بېرىدۇ
ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يۈرۈش قىلغان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
دۇران: ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
ترامپ ھاماسنىڭ «مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقانلىقى» نى ئېيتتى
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن 21.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
مىسىر تاراتقۇلىرى: سۆھبەتنىڭ تۇنجى باسقۇچى «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتتى
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن غەززەدىكى 3 ھەربىي بازىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقچى
ھاماس: ئىسرائىلىيە، غەززەدە 70 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى