24-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قوزغىغان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان بۇ باسقۇچ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئاسىياغا ئېنېرگىيە ئېقىمى توختاپ قالدى.
دەسلەپتە يولغا قويۇلغان تېجەش تەدبىرلىرى ۋە ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا ئەگىشىپ يېتەرسىز قالدى. برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ 120 دوللارغا ئۆرلەپ كېتىشى، خامچوتىنى 70 دوللار ئاساسىدا پىلانلىغان ھۆكۈمەتلەرنى دۆلەت مالىيەسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ياكى تەننەرخنى ئىستېمالچىلارغا يۈكلەش يولۇنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىروگراممىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كىرىزىس سەۋەبىدىن تەخمىنەن 8 مىليون 800 مىڭ كىشى نامراتلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر 299 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ھىندىستان، فىلىپپىن، تايلاند ۋە ۋىېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىلغۇ چەكلىمىسى، خىزمەت ۋاقتىنى تەڭشەش ۋە باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق كىرىزىسنى باشقۇرۇشقا تىرىشماقتا؛ پاكىستان ۋە باڭلادېشقا ئوخشىغان نەق پۇل قىسچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسا، ئۆرلەپ كەتكەن ئىمپورت تەننەرخى سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىرىزىسنىڭ تەسىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىمۇ ھېس قىلىنماقتا، ئەمما ئەڭ ئېغىر زەربىگە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇچرىماقتا.
ئېنېرگىيە زەربىسىنىڭ رايون ئىقتىسادىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، دۆلەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچىلىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇش، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە.











.jpg?width=512&format=webp&quality=80)

