ترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چېكىنىشىنى نىشان قىلغان پەرماننى ئىمزالىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چېكىنىشىنى نىشان قىلغان پەرماننى ئىمزالىدىترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ب د ت غا قاراشلىق ئورگانلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى نىشان قىلىنغان بىر پەرماننى ئىمزالىدى.
ترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چېكىنىشى نىشان قىلىنغان پەرماننى ئىمزالىدى / Reuters

ترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چېكىنىشىنى نىشان قىلغان پەرماننى ئىمزالىدى

ترامپ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ب د ت غا قاراشلىق ئورگانلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى نىشان قىلغان بىر پەرماننى ئىمزالىدى.

ئاقساراي ترامپنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ جەمئىي 66 ئورگاندىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ب د ت غا قاراشلىق بولمىغان 35 ئورگان ۋە ب د ت غا قاراشلىق 31 ئورگان بارلىقىنى جاكارلىدى.

ئاقساراي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى نىشان قىلغان بىر پەرماننى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۈگۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدىغان 66 خەلقئارالىق ئورگاندىن چېكىنىپ چىقىشىنى نىشان قىلغان پىرېزىدېنت پەرمانىنى ئىمزالىدى؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ب د ت غا قاراشلىق بولمىغان 35 ئورگان ۋە ب د ت غا قاراشلىق 31 ئورگانمۇ بار.»

ئاقساراي مەزكۇر ئورگانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە زىت بولغان رادىكال كىلىمات سىياسەتلىرىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك باشقۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى پىروگراممىلارنى» قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇ قەدەمنىڭ ئامېرىكا ئەزا بولغان ياكى تەرەپ بولغان بارلىق خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلار، توختامنامىلەر ۋە كېلىشىملەرنى قايتا كۆزدن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ پەرمان ئارقىلىق، ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك كۈنتەرتىپلەرنى قوللايدىغان ياكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۈنۈمسىز ۋە تەسىرسىز بىر شەكىلدە تۇتقا قىلىدىغان ئورگانلارغا بەرگەن مالىيە ياردىمى ۋە قاتنىشىشى ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلى مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى قوللاش ئۈچۈن باشقا ئۇسۇللار بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىدۇ.»

بىر يىل ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ترامپ، ئامېرىكانىڭ ب د ت غا بېرىدىغان مەبلىغىنى قىسقارتىشقا، ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى توختىتىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) غا قىلىنىدىغان مەبلەغنى كېسىپ تاشلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) دىن ئايرىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىنمۇ ئايرىلىش پىلانلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى