خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
كېلەر ئاي 80 ياشقا كىرىدىغان ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاي زىيارىتىدىن تەخمىنەن 10 كۈن كېيىن، ئادەتتىكى تەكشۈرۈش دەپ سۈپەتلەنگەن ئەتراپلىق جىسمانىي تەكشۈرۈش ۋە چىش تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئاي ئاخىرىدا دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ.
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ / Reuters

ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پېرىزىدېنت دونالد ترامپ 26-ماي كۈنى ۋالتېر رېد دۆلەتلىك ھەربىي تېببىي مەركىزىدە سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۇ ۋەزىپىگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئاشكارىلانغان تۆتىنچى قېتىملىق تېببىي تەكشۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا سايلانغان ئەڭ ياشانغان پېرىزىدېنت سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى يۈرەك ۋە قورساق قىسمىدا ئېلىپ بارغان ئىلغار سۈرەتلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن، زور دەرىجىدە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

ئۆز سالامەتلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان تەنقىدلەرگە قارىماي، ترامپ ئۆزىنى يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكىدەك غەيرەتلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غىزالىنىش ئادىتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما جىسمانىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھېس قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

ئۆتكەن يىللىق دوكلاتلاردا پېرىزىدېنتنىڭ سېمىزلىك چېكىدىن تۆۋەنلەپ، تەخمىنەن 9 كىلوگىرام ئورۇقلىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك تومۇر يېتىشمەسلىك كېسىلىدىن باشقا ئېغىر سالامەتلىك مەسىلىسى دوكلات قىلىنمىغان. شۇنداقلا قولىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆكىرىش قاتارلىق دىققەتنى تارتىدىغان تەپسىلاتلارنىڭ، دائىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە ئاسپىرىن ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان سەزگۈرلۈك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

بېيجىڭدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن تەخمىنەن ئون كۈن كېيىن دوختۇرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان ترامپ، بۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئارمىيە باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

نۆۋەتتىكى تەرتىپلەر بويىچە پېرىزىدېنتلارنىڭ قايسى سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلىنىشى ئۆز ئىختىيارىدا بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلىق بېسىمى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ جەمئىيەت بىلەنھەمبەھىرلىنىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەر جىسمانىي ئەھۋالنى كۆزىتىشنى ھەم ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى