ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى ئادەم ئۆلدى
20 ياشلىق قوراللىق زوراۋان فلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوق چىقىرىپ، ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى، كەم دېگەندە ئالتە كىشىنى يارىلاندۇردى.
فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى ئادەم ئۆلدى
Chaos and confusion grips Florida State University after a shooting leaves multiple casualties. / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «ئوقنى قورال ئەمەس، ئىنسانلار چىقىرىدۇ» دەپ، ئىككىنچى قېتىم پۇقرالارنى قوغداش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئامېرىكانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان فلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى قازا قىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى. ساقچى تەرەپ ھۇجۇمچىنىڭ يەرلىك بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

فلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى جاسون ترومبوۋېر: «قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، يارىلانغان بەش كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئارىسىدا ھۇجۇمچىمۇ بار» دېدى.

فلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ئىشتاتنىڭ پايتەختى تاللاھاسسې شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار.

تاللاھاسسې شەھەرلىك  يادىكارلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باياناتچىسى، قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن كەم دېگەندە ئالتە كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ياردەمچىسى ۋانس ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر بىلەن بىرلىكتە ئوۋال ئىشخانىسىدا بەرگەن باياناتىدا، بۇ پاجىئە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ شەرمەندىچىلىكتۇر، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇقتۇر، بۇ ھەقتە كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ بايانات بېرىمىز.»

 «قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن يېڭى قورال - ياراغ  قانۇنى تەلەپ قىلىنامدۇ – قىلىنمامدۇ؟» دېگەن سوئالغا ترامپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەقەلەر تولىمۇ قورقۇنۇچلۇقتۇر، لېكىن ئوقنى قورال ئەمەس، ئىنسانلار چىقىرىدۇ.»

فلورىدا ۋالىيسى رون دېسانتىس: «فىلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىلىسىگە دۇئا قىلىۋاتىمىز. ئىشتاتلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتتە» دېدى.

فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن بارلىق دەرسلەرنى بىكار قىلدى. ئالدىن پىلانلانغان بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ بىكار قىلىندى.

ساقچى تەرەپ ھۇجۇمچىنىڭ فلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە يارىلانغانچىلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ھۇجۇمچىنىڭ لېئون كەنتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسىنىڭ قورالىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 

«ھايات قېلىش كۈرىشى» ئىدى

ھۇجۇم ئەسناسىدا ئېلىنغان ۋىدېئولاردا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەق مەيداندىن قېچىش ئۈچۈن يولدا قىستاڭچىلىقتا يۈگۈرگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىكى ۋەھىمە كامېرالارغىمۇ ئەكس ئەتتى.

ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە قورقۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىدىكى بوۋلىڭ توپى مۇسابىقىسى زالىغا يوشۇرۇنىدۇ ۋە بىنانىڭ تۆۋەن قەۋىتىدىكى يۈك لىفتىدا پاناھلىنىدۇ.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىش توغرىسىدا چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ۋە نۇرغۇن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى كۈچلەرگە تەۋە مۇلازىمەت ماشىنىلىرى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ پايتەختىنىڭ غەربىدىكى مەكتەپ قورۇسىغا قاراپ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتتى. ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىنىڭ يېنىدا ۋەقەگە ئارىلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

21 ياشلىق ئۇچۇر - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رىيان سېدېرگرېن، يېقىن ئەتراپتىكى بىر قاۋاقخانىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزى ۋە تەخمىنەن 30 كىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدىكى بوۋلىڭ توپى مۇسابىقىسى زالىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ دەل ھايات قېلىش پەيتى ئىدى

تەخمىنەن 15 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېت ساقچىلىرى بىنادىن چىقارغان سېدېرگرېن، ساقچىلارنىڭ چىمەنزارلىقتا بىر كىشىگە تېز ئارىلاشقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كرىس پېنتو بولسا تاللاھاسسې شەھەرلىك «‹WCTV› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، مەكتەپ شەھەرچىسىنى ئايلىنىۋېتىپ، قوشكېزەك قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىدا تاماق يەۋاتقاندا ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەقىقەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر ئەھۋال ئىدى. ئىنسانلار بىردىنلا يۈگۈرۈشكە باشلىدى.»

ئۇ، كارىدورنىڭ ئاخىرىدا ئىشىكلەرنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر يۈك لىفتىدا پاناھلانغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ بەلكىم ئەڭ قورقۇنچلۇق پەيت ئىدى، چۈنكى قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

لىفتنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا، ئىككى ساقچى خادىمى قورال تەڭلىگەن ھالدا كۆز ئالدىمىزدا تۇراتتى.»

ۋەقەدىن تەخمىنەن ئۈچ سائەت كېيىن، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ «خەۋپنى بىر تەرەپ قىلغان» لىقىنى ئۇقتۇردى. دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسى ۋە ھازىرمۇ جىنايەت يۈز بەرگەن جاي  دەپ قارالغان باشقا رايونلاردىن يىراق تۇرۇش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا قانۇن دوختۇرخانىسى ماشىنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە چارلىغۇچى ساقچى ئاپتوموبىللىرى توختىتىپ قويۇلغانىدى. ساقچى خادىملار جىنايەت يۈز بەرگەن رايونغا جىنايەت ۋەقەسى لېنتىسى تارتىپ، بۇ رايونغا كىرىشنى چەكلىدى.

تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا تېلېفون، ئاچقۇچ ۋە شەخسىي بۇيۇملىرىنى قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر، سايە ئاستىدا ساقلاپ، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، فلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەخمىنەن 44 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن.

2014-يىلى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭ كۇتۇپخانىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى يارىلانغانىدى. ساقچىلار 31 ياشلىق زوراۋان مىرون ماينى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىدى.

ئۇنىۋېرسىتېت پەيشەنبە كۈنى بارلىق دەرس ۋە پائالىيەتلەرنى بىكار قىلدى. يەكشەنبە كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ بىكار قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى