سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتايدا بىر پاراخوت دەريادا ئۆرۈلۈپ كەتتى
خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەنشى شەھىرىدىكى دەريادا بىر يولۇچىلار پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، پاراخوتتىكى 84 كىشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى.
خىتايدا بىر پاراخوت دەريادا ئۆرۈلۈپ كەتتى
خىتاينىڭ گۈيجۇ چيەنشى شەھىرىدىكى دەريادا بىر ساياھەتچىلەر پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، توققۇز كىشى ئۆلگەن، 70 كىشى يارىلانغان. / AP

يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 4-ماي) چۈشتىن كېيىن، گۈيجۇ ئۆلكىسى  چيەنشى  شەھىرىدىكى دەريادا بىر يولۇچىلار پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كەتتى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە توققۇز كىشى ئۆلگەن، 70 كىشى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسى س س ت ۋ (CCTV) دۈشەنبە كۈنى (5-ماي) يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن چيەنشى شەھىرىدىكى دەريادا بىر ساياھەت پاراخوتىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە پاراخوتتىكى 84 كىشىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدىكى توققۇز كىشى ئۆلگەن، يارىلانغان 70 كىشى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. تۆت كىشى زىيان-زەخمەتسىز قۇتۇلغان ۋە بىر كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە يارىلانغانلارنى داۋالاشتا «بارلىق تىرىشچانلىقلار» نى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ساياھەت نۇقتىلىرى ھەمدە باشقا چوڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ گۇچىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنى تەكشۈرۈشتە پاراخوتقا نورمىدىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ ئېلىنمىغانلىقى بايقالغان.

بۇ قېتىمقى ھادىسە خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە ئىككى پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىپ 11 ئادەم ئۆلگەن ۋەقە يۈز بېرىپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەردى.

خۇنەندىكى پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسىدە 19 كىشى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارAt least 19 killed, 20 injured in east China traffic accident

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى