مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گۆبەكلتەپەدىن كەلتۈرۈلىدىغان ئەسەرلەر گېرمانىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
گۆبەكلتەپەدىن كەلتۈرۈلىدىغان ھەرخىل ئەسەرلەر گېرمانىيەدە ئالاھىدە بىر كۆرگەزمىدە زىيارەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
گۆبەكلتەپەدىن كەلتۈرۈلىدىغان ئەسەرلەر گېرمانىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ كۆرگەزمىنىڭ گۆبەكلتەپەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى، شەھەرنىڭ «مۇزېي ئارىلى» دەپ ئاتىلىدىغان رايونىدىكى تۈر بىلەن بىرلىكتە، چەت ئەللەردىمۇ باشقا پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن گۆبەكلتەپەنىڭ 96 پارچە ئەسىرى 2026-يىلى گېرمانىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە مۇئاۋىن  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى گۆكخان يازگى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، مىنىستىرلىقنىڭ گۆبەكلتەپەنى ھەم تۈركىيەدە ھەم چەت ئەللەردە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا تۈرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يازگى ئالدىنقى يىلى رىمدىكى كولىزېي مۇزېيىدا «گۆبەكلتەپە: مۇقەددەس بىر جاينىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ كۆرگەزمىنىڭ 6 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يازگى بۇ قېتىم گۆبەكلتەپەنىڭ بېرلىندا «تاشتىكى ئەپسانىلەر: گۆبەكلتەپە ۋە ئاخىرقى ئوۋچىلار دۇنياسى» تېمىسىدا تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە نېئولىت دەۋرىدىكى مىراسلارنى تونۇشتۇرۇشقا قارىتىلغان قەدەملەرنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تاش دۆڭلۈكلىرى تۈرى دۇنيادا ئوخشىشى بولمىغان بىر تۈر. بۇ تۈر بىلەن گۆبەكلتەپە دۇنيا ساياھەت ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەلىرىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 500 مىڭدىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، زىيارەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. گۆبەكلتەپەنىڭ نېئولىت دەۋرىدىكى رولىنى ۋە دۇنيا ئارخېئولوگىيەسىدىكى ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر توپلام تەييارلاندى.

گۆبەكلتەپەنىڭ دۇنيا ئارخېئولوگىيەسىدىكى ئورنىنى، تاش دۆڭلۈكلىرى تۈرىنىڭ قانچىلىك ئالاھىدە بىر تۈر ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرىمىز. دۆلىتىمىز ۋە شەھىرىمىزنىڭ ساياھەتتە لايىق ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قىلىمىز.»

بېرلىندىكى كۆرگەزمىنىڭ گۆبەكلتەپەنىڭ  دۇنيا مىقياسىدا تونۇشتۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ يېڭى قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يازگى، مىنىستىرلىقنىڭ بېرلىندىكى مۇزېي ئارىلىدا چوڭ بىر تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىگە تۆھپە قوشىدىغان بۇ ئۆزگىچە بايلىقنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»

گېرمانىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن يازگى، كۆرگەزمىنىڭ ئارخېئولوگىيەگە قىزىقىدىغانلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كۆرگەزمىدە گۆبەكلتەپەدىكى 3 ئەسەرنىڭ نۇسخىسى بىلەن گۆبەكلتەپە كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە زىيارەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سۇنۇلغان كىنولاردىن ئوخشىمىغان تىللاردىكى پارچىلار، ھەرخىل رەقەملىك ئەسەرلەر ۋە ئۇچۇر تاختىلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى پىلانلانماقتا.

كۆرگەزمە 2026-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئېچىلىدۇ ۋە ئۇدا ئالتە ئاي داۋامىدا زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى